شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى قانچىلىك چۈشىنىسىز
يوللانغان ۋاقىت :2024-02-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ياۋېن

يېقىندا، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكى مەركىزى 2023 - يىللىق 3 - تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ 14 مەھسۇلاتى تىزىملىككە كىردى. سىز نېمىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى، نېمىنىڭ داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەمسىز؟

ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم»، مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى، ئالاھىدە سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2022 - يىلى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم» بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، يېڭى «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم»گە ئېنىقلىما بەردى. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىكى «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم» يېشىل، ئورگانىك بولغان، جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بولغان، لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسىتىدۇ؛ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم» ئەلا سورت يېتىشتۈرۈش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، داڭلىق ماركا يارىتىش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى كۆرسىتىدۇ.

مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە ئالاھىدە سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، خاس سۈپەت ئالاھىدىلىكى، مۇقىم تەمىنلەش مىقدارى ۋە ئىستېمال توپىغا ئىگە.

مەيلى «ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم»، مەملىكەت بويىچە داڭلىق، خاس، ئەلا، يېڭى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ياكى ئالاھىدە سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولسۇن، ماركا ئېتىراپنامىسىگە ئېرىشىش بىرىنچى قەدەم. دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش، ماركىلاشتۇرۇپ يېتىلدۈرۈش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تىرەك بولۇشنى يۇغۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ماركىلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتكەندىلا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى ئىشلەپچىقارغىلى، سۈپەتلىك ئىشلەپچىقارغىلى، ياخشى ساتقىلى بولىدۇ.

«يېڭى <ئۈچ مەھسۇلات، بىر ئۆلچەم>دە دىققەتنى يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش، دىققەتنى سۈپەت، ئۈنۈمگە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك، بۇ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى.» شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى يېزا ئىگىلىك سۈپەت ئۆلچىمى ۋە تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جۇ جىڭرۇڭ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەت باھالاش كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە كۆرسەتكۈچلەرنى قېزىپ، ھەرقايسى جايلارنى مەۋقەنى ئۆز يېرىنىڭ «يەرلىك مەھسۇلات»ىغا قويۇپ «خاس»لىقىنى قېزىپ، «كەسىپ»لەرنى يۇغۇرۇپ داڭلىق ماركا يارىتىپ، «يەرلىك خاس مەھسۇلات»لارنىڭ ئەلا سۈپەتلىك، خاسلاشقان بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون «ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركا»سىنى جۇلالاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. رايون خاس سۈپەت يېتىلدۈرۈش ۋە ئەلالاشتۇرۇش، كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى «بەرپا قىلىش»قا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۆلچەم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنى توپلاشتۇرۇپ كېڭەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش قاتارلىقلارنى تېزلىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە قىممەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت