شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئادا قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشىمىز
يوللانغان ۋاقىت :2024-02-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەزا ما خۇادۇڭ:

مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئادا قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشىمىز

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

«تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىشلارنى پىلانلاشنىڭ ئاساسى، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يولى» دېدى 2 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ما خۇادۇڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا. باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئاخىرلىشىپ، 2024 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدى، ما خۇادۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەكلىپلەرنى رەتلەپ مۇكەممەللەشتۈردى.

ما خۇادۇڭ قېزىلما بايلىقلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئاساسىي گېئولوگىيە تەتقىقاتى ساھەسىدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىسى بولۇپ، دالا 1 - سېپىدە 30 يىلغا يېقىن خىزمەت قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى كېزىپ چىققان.

«مەن ئۆز كەسپىمگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلىرىنى يېشىل ئېچىپ پايدىلىنىش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ پائال تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، <يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ شىنجاڭنىڭ يېشىل كان قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش> <شىنجاڭنىڭ مول سېلىنلىق يەرلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا - كەنتلىرىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش> قاتارلىق 20 نەچچە تەكلىپنى تەييارلىدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى» دېدى ما خۇادۇڭ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى قىزغىن ئېلىپ بېرىلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىلدى. بىپايان چۆل - جەزىرىدە بۇرغىلاش ماشىنىلىرىنىڭ ئاۋازى ياڭراپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كۆمۈر قاتلىمى گازىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، ئېچىش قىزغىن دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قوللاش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، زامانىۋى كۆمۈر قاتلىمى گازى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلدى.

ئالدىنقى مەزگىللىك تولۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1 - يىغىنىدا، ما خۇادۇڭ باشقا ئەزالار بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى يېشىل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئېچىشقا تۈرتكە بولۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بۇ تەكلىپكە جاۋاب قايتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىشنى داۋاملىق قوللاپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىندا، ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى گۇرۇھى تاپشۇرغان فۇكاڭ كۆمۈر قاتلىمى گازلىقىدىكى 6 مىليارد 100 مىليون كۇب مېتىر كۆمۈر قاتلىمى گازىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان زاپىسى توغرىسىدىكى دوكلات تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باھالاپ تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىشىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازى زاپىسى جەھەتتە ئەنگە ئېلىنغان تۈر بولماسلىقتا بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىدا پۇختا بىر قەدەم تاشلاندى.

ھەر قېتىم «قەغەز يۈزى»دىكى تەكلىپنىڭ «يەر يۈزى»دە ئەمەلىيلەشكەنلىكىنى كۆرگەندە، ما خۇادۇڭ ناھايىتى ئىلھاملىنىدۇ. «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى ئىشلەشنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ھەرىكىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك.» ئۇ ئالاقىدار ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى، نۇرغۇن ماتېرىيال كۆردى، بۇ يىل ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى قانۇن سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىش، مىللەتلەر مۇزىكىسىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەكلىپلەرنى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا ئېلىپ بارىدۇ.

«ئەستايىدىل ئىش قىلىپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، پۇختا زىيارەت قىلىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، ئورۇنلۇق سۆزلەرنى كۆپرەك قىلىپ، تەدبىر - تەكلىپلەرنى دەل جايىدا، ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئادا قىلىش ئارقىلىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەزالارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىمەن» دېدى ما خۇادۇڭ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت