شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي ئالاقىدار تارماقلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى يوقلىدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-02-18 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلارغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەم دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى يوقلاپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە باھار بايرىمىنى كۈتۈۋالدى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرى ۋە تارماقلىرىغا كىرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى، ئاپپارات تەسىس قىلىش، قوشۇن قۇرۇلۇشى، كۈندىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەرەققىياتىنى ئەستايىدىل ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان، نېگىزدىن باشقۇرىدىغان خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش، ئەقىل - پاراسەتنى مۇجەسسەملەش، كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

ئارقىدىن، ما شىڭرۇي ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىنى يوقلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ھەم ئۇلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار بىلەن باھار بايرىمىنى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىپ، كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئويناش كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

ما شىڭرۇي يەنە ئاپتونوم رايونلۇق خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋى تېخنىكا تىرىكىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تور بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

چېن مىڭگو، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت