شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز باھار بايرىمى ھارپىسىدا ئېگىزلىكتىكى چېگرا مۇداپىئە بىرىنچى سېپىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ھال سورىدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-02-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چېگرا بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، چېگرا مۇداپىئە ليەندۈيى، تاموژنا دۆلەت دەرۋازىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېگىزلىكتە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، چېگرا قوغدىغۇچىلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملار قاتارلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى سەمىمىي يوقلىماقتا. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، تاشقورغان، 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى − باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 2 - ئاينىڭ 3 - كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى چېگرا بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، چېگرا مۇداپىئە ليەندۈيى، تاموژنا دۆلەت دەرۋازىسى قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئېگىزلىكتە تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر، چېگرا قوغدىغۇچىلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى خىزمەتچى خادىملار قاتارلىقلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا باھار بايرىمىلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.

بىپايان، چەكسىز پامىر ئېگىزلىكى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغانىدى. شىنجاڭ ھەربىي رايونى قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنى يىل بويى دېڭىز يۈزىدىن 4700 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جۇڭگو - پاكىستان چېگراسىنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسى ۋە دۇنيادىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز دۆلەت دەرۋازىسى − قونجىراپ دۆلەت دەرۋازىسىنى قوغداپ كەلمەكتە. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ليەندۈيگە كېلىپ، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى سەمىمىي يوقلىدى. ما شىڭرۇي جەڭچىلەرگە مۇنداق دېدى: سىلەر ئۇزاقتىن بۇيان قەھرىتان سوغۇق، ئوكسىگېن كەمچىل بولغان قارلىق دالىدا چېگرانى چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى قوغدىدىڭلار، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇھاپىزەت قىلدىڭلار، خەلقنى قوغدىدىڭلار، مەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن ھەم باھار بايرىمىلىق سالام يوللايمەن، سىلەرنى ئۈن - تىنسىز قوللاپ كەلگەن ئائىلە تەۋەلىرىڭلاردىن ھال سورايمەن. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ليەندۈينىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئالدىنقى قاراۋۇل بەنى ۋە دۆلەت دەرۋازىسىدا نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقان جەڭچىلەرنى يوقلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قونجىراپ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان قاراۋۇلخانا بىلەن سىنلىق سۆزلەشكەن چاغدىكى سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ۋەتەننىڭ غەربىي دەرۋازىسىنى ياخشى قوغداش، گۈزەل شىنجاڭنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا قىسىمنىڭ تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ياردەم بېرىپ، ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولغان ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەشنى تاپىلىدى.

ئارقىدىن ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز قونجىراپ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇل بەنى ۋە قونجىراپ پورتى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش پونكىتىغا كېلىپ، چېگرا تەكشۈرۈش، تاموژنا 1 - سېپىدىكى خىزمەتچى خادىملارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەجرىگە رەھمەت ئېيتتى. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلاردىن پورت سودىسى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەت ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ۋە شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش بويىچە تەكشۈرۈش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، تاشقى سودا كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇشقا پائال كۈچ قوشۇش، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېگرا قوغدىغۇچىلار شىنجاڭنىڭ چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم كۈچ. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز مەلۇم بىرلەشمە خىزمەت پونكىتىغا كېلىپ، چېگرانى قوغداۋاتقان ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، چېگرانى چارلاش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: چېگرادىكى كەنت - بازار قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ چېگرا قوغدىغۇچىلار قوشۇنىنى تولۇقلاپ، چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ما شىڭرۇي كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سورىدى، ئۇلارغا ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىئە لىنىيەسىنى ياخشى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنى بېيىش دەستۇرىنى ياخشى ئىگىلەش، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەشنى تاپىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئېگىزلىكتە خىزمەت قىلىپ ئۆزىنى بېغىشلاش ئاسان ئەمەس، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ تەمىناتى ۋە تۇرمۇشىغا ياخشى كاپالەتلىك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر كادىرنىڭ ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشى، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلىشى، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشى كېرەك.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يەنە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ مەلۇم تارماق ئەترىتىنى زىيارەت قىلىپ ۋە ئۇلاردىن ھال سوراپ، مۇنداق تەكىتلىدى: سەرخىل قوشۇن تاۋلاپ چىقىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى پۇختا توسۇقنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ما شىڭرۇي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھال سوراش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا يېڭى قەدەم ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئېغىر خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت يارىتىش كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، قونجىراپ پورتىنى يىل بويى ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان چوڭقۇر قاتلاملىق ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى زورايتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى ئارمىيە - ھۆكۈمەت، ئارمىيە - خەلق ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك قول تۇتۇشۇپ مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ياڭ چېڭ، چېن ۋېيجۈن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھال سوراشقا قاتناشتى.

مەنبە:


مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉