شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خوجايېف قاتارلىق ئەزىز مېھمانلار بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خوجايېف قاتارلىق چەت ئەل تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ـ ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى لى خۇي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن خوجايېف ۋە ئۆزبېكىستان تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، پۇختا ئەمەلىيلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، ئىناق قوشنا بولۇش، دوستانە ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاندىكى يەرلىكلەر ئەزەلدىن زىچ ھەمكارلىشىپ كەلگەن ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. بۇلتۇردىن بۇيان، بىر قاتار ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش ۋە سودا، مەبلەغ سېلىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپى بولۇپ، دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە. بولۇپمۇ بىز جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىمىز. بىز ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ يەرلىك رەھبەرلىرى ھەم ھەرقايسى ساھە مەسئۇللىرىنىڭ دائىملىق ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، كەسىپ ۋە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ساياھەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يەرلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچىنى قوشىمىز.

خوجايېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ۋاقىت سىنىقىدىن ئۆتكەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە يېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى، ئىككى تەرەپ بىر قاتار مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، بۇ جەزمەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. شىنجاڭ جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرۋازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇلتۇردىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ئۆلكىلىرى ئۆمەك ئەۋەتىپ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىدا يېڭى، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئارىلىقى گەرچە مىڭ چاقىرىم كەلسىمۇ، لېكىن دوستلۇق دەرىخى دائىم ياشناپ تۇرىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان يۈك تىرانسپورتى، ئەشيا ئوبوروتى، تۆمۈريول قاتنىشى، توقۇمىچىلىق ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودىسى، زامانىۋى تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى خۇي مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، غەربكە ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيە، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. شىنجاڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا دوستانە بېرىش ـ كېلىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو − ئۆزبېكىستان يەرلىكلەر ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

ئۆزبېكىستاننىڭ ھەرقايسى ئوبلاست، شەھەرلىرى، ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە جەمئىيەت مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، سۈن خۇڭمېي، جۇڭگونىڭ ئۆزبېكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋە جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مۇنبەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى جاڭ جىنگاڭ، تيەنجىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى ۋېنخەي، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى فاڭ ۋېي، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى لۇ شەن، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جىنفۇ، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياۋ پىنخۇ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى جاڭ گوجى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ خاۋ، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ياڭ گۇەنجۈن، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ خەيخۇڭ، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ لى؛ خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭ، ئەنخۇي، جياڭشى، خۇبېي، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉