شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

سۇ تەرەققىياتى ۋە سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، شىنجاڭنىڭ سۇ تەرەققىياتى ۋە سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» بويىچە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش مۇلازىمىتى كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تىن ئىبارەت سۇ ئىدارە قىلىش پىكىر يولىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە دەل جايىدا تەڭشەش ـ تەقسىملەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، زامانىۋى سۇ تورى ئاساسىي رامكىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر ـ يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا سۇنى تېجەش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق تۇرمۇشىغا دائىر سۇچىلىق مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇغا ئالاقىدار ئىشلارنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سۇ بىخەتەرلىكى تىرىكى ۋە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك» (ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل چېكى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى، بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكى ۋە ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئىجازىتى تىزىملىكى) بويىچە ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەشنى يولغا قويۇش شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى پائال ئەمەلىيەت. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»نى يادرو قىلغان ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى رايونلارغا ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، «ئۈچ چەك، بىر تىزىملىك»نى رايون بايلىقىنى ئېچىش، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، شەھەر ـ بازار قۇرۇلۇشى، چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرگە ئورۇن تاللاشتىكى مۇھىم ئاساس قىلىپ، قاتتىق چەكلىمە قويۇش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەش رولىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. قەرەللىك باھالاش ۋە ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاشنى يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سانلىق مەلۇماتىدىن ھەمبەھرىلىنىش سىستېمىسى ھەم نەتىجىلەرنى ئەمەلىي قوللىنىش مېخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش مۇلازىمىتى كەسپى دۆلەت نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپى، پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمەت كەسپى، ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ. تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش مۇلازىمىتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، مەھسۇلات سۈپىتى، ساقلىقنى ساقلاش، داۋالاش، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت، قۇرۇلۇش، قاتناش ـ تىرانسپورت قاتارلىق تۈرلىرى تولۇق بولغان تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش مۇلازىمىتى تەمىنات سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى بولۇش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەۋقەنى شىنجاڭغا قويغان، پۈتۈن مەملىكەتنى قاپلىغان، دۇنياغا يۈزلەنگەن خەلقئارالاشقان ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش، دەلىللەش ئاپپاراتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەكشۈرۈش ـ ئۆلچەش مۇلازىمەت كەسپى ئېگىزلىكىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ياسىمىچىلىقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش يولى قىلىپ، دىققەتنى «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: رەقەملىك تەرەققىياتنى تېزلىتىش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتىكى باشلامچى خىزمەت، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت ئىسلاھاتى قۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى ئارقىلىق ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە كۈچ قوشۇپ، ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى مەمۇرىي ئىشلار ئەمەلىي قوللىنىش سىستېمىسىنى تۈجۈپىلىك قۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉