شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرەيلى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك.» ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېمىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنىڭ بەش جەھەتتىكى ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەردى، بۇ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەدەنىيەت بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ جېنى. دۆلىتىمىز پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا زامانىۋى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇل ئەسلىھەلىرى قاتارلىق «قاتتىق ئەمەلىي كۈچ» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپلا قالماي يەنە قىممەت قارىشى، ھەرىكەت ئۆلچىمى قاتارلىق «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ»نى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسىنى زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى تەدرىجىي تېپىپ چىقتى. «سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك؛ ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىش، مەنپەئەتنىلا كۆزلىمەسلىك؛ سالماق، ئېھتىياتچان بولۇش، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كەتمەسلىك؛ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا ماڭماسلىق؛ قانۇن ـ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش، باشباشتاقلىق قىلماسلىق»، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ بەش جەھەتتىكى ئەمەلىيەت تەلىپى پارتىيەمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتى ۋە تەرەققىيات يولىغا بولغان تونۇشىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈشتە «جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك»تىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەزمۇنى مول ۋە چوڭقۇر بولۇپ، مول ئەخلاق بايلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىش جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى. جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىش، ۋەدىگە ئەمەل قىلىش تەكىتلىنىدۇ، پۇل مۇئامىلە كەسپى ئىناۋەتنى ئاساس قىلىدۇ، جەزمەن توختام روھىدا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئالدى بىلەن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئويلىشىپ، ئاندىن پايدا ـ مەنپەئەتنى ئويلىشىش شەرەپ، ئالدى بىلەن پايدا ـ مەنپەئەتنى ئويلىشىپ، ئاندىن ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنى ئويلىشىش نومۇس»، پۇل مۇئامىلە ئىقتىدار خاراكتېرى ۋە پايدا ئېلىش خاراكتېرىدىن ئىبارەت قوش خاراكتېرگە ئىگە، جەزمەن ئادىل يول بىلەن مەنپەئەتكە ئېرىشىشتە باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «ئالدىرىغان يولدا قالىدۇ، كىچىك مەنپەئەتنى كۆزلىگەنلەر چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ»، پۇل مۇئامىلە كەسپى خەۋپ ـ خەتىرى يۇقىرى ئالاھىدە كەسىپ، جەزمەن خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى مەڭگۈلۈك باش تېما قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. «ئەگەر بىر كۈن يېڭىلاشقا بولسىلا، كۈندە يېڭىلاش كېرەك، يېڭىنى يەنە يېڭىلاش كېرەك»، يېڭىلىق يارىتىش پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، جەزمەن توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، لېكىن يېڭىلىق يارىتىش نامى بىلەن قارىغۇلارچە ئىش كۆرۈشكە، ھە دەپ مەبلەغنى ئىچكى جەھەتتىن ئايلاندۇرۇشقا، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ. «قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە بارلىق جەمئىيەت ھەرىكىتىنىڭ ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى، بارلىق كىشىلەر جەزمەن رىئايە قىلىشى كېرەك»، پۇل مۇئامىلە كەسپىدىكىلەر پۇل بىلەن ئالاقە قىلغاندا، تەبىئىيلا بىر قەدەر يۇقىرى ئەخلاق خەۋپ ـ خەتىرى، مەشغۇلات خەۋپ ـ خەتىرىگە دۇچ كېلىدۇ، جەزمەن قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىش، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن مەشغۇلات قىلىشتا باشتىن ـ ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، باشباشتاقلىق قىلىشقا، تۆۋەن چەكتىن بۆسۈپ ئۆتۈشكە بولمايدۇ.

جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈشتە، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بازار قائىدىسى ۋە كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇشنى تۈرلۈك كەسىپلەرگە سىڭدۈرۈپ، تۆمۈر چوت، تۆمۈر ھېسابات دەپتىرى، تۆمۈر قائىدە ـ نىزام روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشتىن ـ ئاخىر ساختا ھېسابات قىلماي، سەمىمىي تىجارەت قىلىپ، ئىناۋەتنى قەدىرلەپ، تۆۋەن چەكتىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا قىممەت ۋە پايدا يارىتىپ، ئىقتىساد بىلەن پۇل مۇئامىلىنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، پايدىنىلا كۆزلەشكە بولمايدۇ. توغرا تىجارەت قارىشى، نەتىجە قارىشى، خەۋپ ـ خەتەر قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سالماق، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تىجارەت قىلىپ، ھەم ھازىرقىغا نەزەر سېلىش، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش، قىسقا مۇددەتلىك زور پايدىنى كۆزلىمەسلىك، ئالدىراقسانلىق، قاراملىق قىلماسلىق، بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىدىن ھالقىپ زىيادە تەۋەككۈلچىلىك قىلماسلىق كېرەك. پۇل مۇئامىلىدە كىم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، كىم ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، خەلق ئاممىسىغا قولايلىق يارىتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ساختا يېڭىلىق يارىتىشقا، كەلسە ـ كەلمەس يېڭىلىق يارىتىشقا بولمايدۇ. قانۇن ـ ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش تەلىپىگە رىئايە قىلىپ، ئاڭلىق ھالدا نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىجازىتى دائىرىسىدە قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىش كېرەك، قانۇن ـ نىزام ۋە تۈزۈمدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىشقا، نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارقىلىق پايدا قوغلىشىشقا بولمايدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە كەسىپكارلار ئىچكى جەھەتتىن قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، تاشقى جەھەتتىن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىسى ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بەش جەھەتتىكى ئەمەلىيەت تەلىپىنى ئۆز خىزمەت ئورنىدا، كونكرېت ھەرىكىتىدە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن مەدەنىيەت ئاساسىنى پۇختىلىشى، مەدەنىيەت روھىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى ئەڭ چوڭ سىياسىي، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە بۇرچ زىممىمىزدە، مەسئۇلىيىتىمىز ئېغىر. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉