شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش غايىسىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ «دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى»نى تۇنجى قېتىم باھالاش، تەقدىرلەش پەيتىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى​

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش غايىسىنى چىڭىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

​سەي چى «دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى» بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، دىڭ شۆشياڭ قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى «دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى»نى تۇنجى قېتىم باھالاش، تەقدىرلەش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەقدىرلەنگەن «دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار» ۋە «دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار كوللېكتىپى»نى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنژېنېرلار قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسىغا تۈرتكە بولۇپ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىدىغان، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان مۇھىم كۈچ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار دۆلىتىمىزدىكى كەڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى، كەڭ ئىنژېنېرلارنىڭ ئۈلگىسى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، قۇرۇلۇش تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىنژېنېرلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇپ تۆھپە قوشۇشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىپ، ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىدىغان، باش چۆكۈرۈپ جاپاغا چىداپ ئىشلەيدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئىلغارلاردىن بولۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىپ، كۆلىمى زور بولغان كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار قوشۇنى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە بەخت يارىتىش غايىسىنى چىڭىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، سەرخىل قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى» بويىچە تەقدىرلەش يىغىنى 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۆھپە قوشقانلار، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مەخسۇس مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارنى قىزغىن تەبرىكلەپ، كەڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ئىشلىرىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىغا سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چۆرىدەپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كەڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئىپتىخارلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى. تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلار ھەرقايسى سەپتىكى قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللىرى، كۆپچىلىكنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىدا باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، باشتىن - ئاخىر خەلققە بەخت يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، باشتىن - ئاخىر يېڭىچە پۈتۈن مەملىكەت تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش، باشتىن - ئاخىر ئىختىساسلىقلارنىڭ بىرىنچى بايلىق بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، باشتىن - ئاخىر ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، باشتىن - ئاخىر ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت جەۋھەرلىرىدە جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: كەڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن شەخسلەر ۋە كوللېكتىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلقنى مەڭگۈ قەلب تۆرىگە قويۇپ، كەسىپنى قەدىرلەپ ئۆزىنى بېغىشلاشنى مەڭگۈ تومۇرغا سىڭدۈرۈپ، قالتىس بولۇشقا ئىنتىلىشنى مەڭگۈ ئۈلگە قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى مەڭگۈ ئەڭگۈشتەر قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە قۇرۇلۇش پەن - تېخنىكىسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈشى كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك زور بىر تۈركۈم ئىنژېنېرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىدىكى ئۇلۇغۋار پىلان. دۆلەتنى پەن - مائارىپ ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى قۇرۇلۇش تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۆز ئالدىغا يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ئالماشتۇرۇشقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، ياخشى بولغان يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتىنى كۈچەپ يارىتىپ، قۇرۇلۇش تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

لى گەنجيې يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار ۋە دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار كوللېكتىپلىرىنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئوقۇپ ئۆتتى. لى شۇلېي، تيې نىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، چېن ۋۇ، جياڭ شىنجى ۋە مياۋ خۇا يىغىنغا قاتناشتى. جاڭ گوچىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىلدى. خاربىن ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى چىن داچىڭ، شياڭگاڭ - جۇخەي - ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىنىڭ باش ئىنژېنېرى سۇ چۈەنكې، گۈللىنىش ناملىق يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنى تەتقىق قىلىپ ياساش يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ مەسئۇلى جوۋ لى قاتارلىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

قۇرۇلۇش تېخنىكا ساھەسىدىكى ئىلغار تىپلارنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى» بويىچە تۇنجى قېتىم باھالاش، تەقدىرلەشنى قانات يايدۇرۇپ، 81 شەخسكە «دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېر» دەپ نام بېرىشنى، 50 كوللېكتىپقا «دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلار كوللېكتىپى» دەپ نام بېرىشنى قارار قىلدى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉