شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
بىڭتۇەن 8 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى لى يىفېي دوكلات بەردى ھەم سۆز قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي لى يىفېي بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئومۇمىي يىغىنغا خىزمەت دوكلاتى بەردى ھەم سۆز قىلدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىلىڭيۈەن شۆ بىن بىڭتۇەننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 7 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قارارى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدا، بىڭتۇەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ غەمخورلۇقى، تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. بولۇپمۇ بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىغا بولغان تونۇشنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەننى باشقۇرۇش ۋە گۈللەندۈرۈش ئىدىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، بۇ، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتى، بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى مۇھىم قوللانما ۋە ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بىڭتۇەن قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بىڭتۇەن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مۇھىم پۇرسەتكە يۈزلەندى، ياخشى شارائىتنى ھازىرلىدى، كەڭ ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ ئورۇن بېكىتمىسى توغرىسىدىكى تەلىپى ۋە ئۈمىدى، مۇھىم تاپشۇرۇقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئويلىنىش، ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش، پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتىن پىلانلاش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەت، بايلىق، رايون ئورنى قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىدە يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىش، يېڭى نەتىجىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىڭتۇەندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي تۈردە «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشتەك كۆتۈرەڭگۈ روھنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يولۋاس كەبى غەيرەت - شىجائەت ۋە جەڭگىۋارلىققا تولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق، ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىدىيە بىلەن قاراشنى يۇغۇرۇش، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئۆزئارا گىرەلەشتۈرۈش، بايلىق مۇھىم ئامىلىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماسلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق ئىدارە قىلىش، خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنى ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا بىڭتۇەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

لى يىفېي دوكلاتىدا ئۆتكەن بىر يىلدا بىڭتۇەن خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى مۇساپىدە قانچە ئالغا ئىلگىرىلىگەنسېرى، شۇنى شۇنچە چوڭقۇر ھېس قىلغىلى بولىدۇكى، «ئىككىنى تىكلەش» بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىشتىكى، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باش شۇجى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن داغدام يول. قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئومۇمىي پىروگرامما، ئومۇمىي كۆرسەتكۈچ، ئومۇمىي قوللانما قىلىپ، بىڭتۇەننىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت يېڭى دەۋردىكى بۇ چىڭ داۋلىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ بىڭتۇەن ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى سىجىل زورايتىپ، بىڭتۇەن خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر گىرەلەشمە، يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مەسئۇلىيىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا يىن فېيخۇ قاتارلىق ئالتە يولداشنى بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ليۇ جيەنمىڭ، لى جېنگو، ليۇ شىنجيەن، جاڭ ۋېنشېڭ، جياڭ شىنجۈن، خا زېڭيوۋ، لى يۇڭخۇڭ، لى شۈ، جۇ شۆبىڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉