شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى قارارى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

(2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنى 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنى، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلدى، 2023 - يىللىق خىزمەتلەر سىستېمىلىق خۇلاسىلىنىپ، 2024 - يىللىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئومۇمىي يىغىندا يولداش ما شىڭرۇينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ۋە يولداش ئەركىن تۇنىيازنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىلىق سۆزى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق قارالدى: 2023 - يىلى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش باشلانغان يىل، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ يېڭى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش»تا يېڭى ئەندىزە ياراتتى؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەتنى نامايان قىلدى؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پۇختا قەدەم تاشلىدى؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ياخشىلاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەتلەندۈردى؛ ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى؛ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە مۇھىم نۇقتىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى سىستېمىلىق ئۆستۈردى؛ تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ۋە ئۇنى تۈگەتتى؛ يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىدى، كېڭەيتتى؛ يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى بەرپا قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئۆتكەن بىر يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، «ئىككىنى تىكلەش» ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلار ئۈستىدىن غالىب كېلىش، بارلىق ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۈچۈن كۆرسىتىپ بەرگەن بىر داغدام يول. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش؛ باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، ئۇنىڭدىن قىلچە چەتنەپ كەتمەي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى سىجىل كۈچەيتىش؛ مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولۇش؛ ئاڭلىق ھالدا شىنجاڭنىڭ ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش؛ تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش؛ ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتى ۋە ئىستىلى ئەبەدىي ئەمىنلىككە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى، خىزمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشى، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: 2024 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، پائال تۈردە ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتا، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى، مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى، دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا مۇقىم ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىرىش» سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، خەلقئارالىق تىل ۋە شەكىلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك. تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، سىستېمىلىق خەۋپ - خەتەر يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ، راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك يۇغۇرۇلۇشىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىشلار ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. رايونلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەنگەن رايون پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، نېفىت - تەبىئىي گازنى ئاچقۇچ، كۆمۈرنى ئاساس، يېڭى ئېنېرگىيەنى يۆنىلىش، قېزىلما بايلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم كەسىپ بازىلىرىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى پۈتۈن زەنجىرلىك كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى پائال قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى كەسىپلەرنىڭ شىنجاڭدا ئورۇنلىشىپ ماكانلىشىشىنى قوللاپ، كەمتۈكلۈك بار كەسىپلەردە زەنجىرنى تولۇقلاش، ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە زەنجىرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى «زەنجىر باشلامچىسى» كارخانىلىرى، كەسىپ توپىدىكى «توپ باشلامچىسى» كارخانىلىرىنى كۆلىمىنى كېڭەيتىپ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنىڭ داۋاملىشىشچانلىقى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سېلىنما ۋە ئىستېمالنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا بولغان تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئۈنۈملۈك سېلىنمىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى تۆمۈريول تورى، قاتناش قولايلىق بولغان يول تورى، غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورى، تەڭشەش - تىزگىنلەش كۈچلۈك بولغان سۇچىلىق تورى، ئىچكى قىسىمنى تەمىنلەيدىغان، سىرتقا يەتكۈزىدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تورى، قاپلاش دائىرىسى كەڭ بولغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، راۋان سودا - ئەشيا ئوبوروت تورى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھېسابلاش كۈچى تورى قاتارلىقلارنى پائال قۇرۇش كېرەك. «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، قانۇن - نىزام بويىچە يولغا قويۇپ، رايونلاردىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىستېمالنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشتىن سىجىل كېڭىيىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا سىجىل قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. مەركەز ئورۇنلاشتۇرما قىلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك ياخشى ئىشلەش كېرەك. بىر تۈركۈم ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىق، سۇچىلىق، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى، رەقەملىك ھۆكۈمەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە - باج، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىش كېرەك. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، يۈرۈشلەشكەن سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلىپ، تىرىشىپ بەلگە خاراكتېرلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرىنى يولغان قويۇپ، تىرىشىپ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئېگىزلىكىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى «باشلامچى»لىرىدىن بولۇش كېرەك. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان كەسىپ ۋە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، ماس تەرەققىي قىلىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئاشلىق ۋە پاختا بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىز دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پاختا توقۇمىچىلىق كەسپىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، پاختا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. خاس، ئەۋزەل دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «مىڭ، ئونمىڭ قۇرۇلۇشى» تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇ كۆپەيتىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ تىرىكى، سۇ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى كۈچەپ جانلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. مەركەزنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ كەسىپ تۈرلىرىنى پىلانلاپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كەسىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ مەدىتى ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، شەھەرنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ناھىيە رايونى ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش، چېگرا رايوننى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە - مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇش كېرەك. مۇھىت قوغداش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئاساسىي فۇنكسىيەلىك رايون ئىستراتېگىيەسىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيەنى سىستېمىلىق قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش، چۆللىشىشنى ۋە سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەز ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بويىچە نازارەت قىلىشتا قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. تەرەققىيات شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈشتىكى «ئون چوڭ ھەرىكەت» ۋە ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىشتىكى «ئون چوڭ قۇرۇلۇش»نى پىلانلىق، قەدەم - باسقۇچلۇق يولغا قويۇپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلق تۇرمۇشىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى تولۇق، دەل جايىدا، پۇختا ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، داۋالاش، سەھىيە ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىك كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بىڭتۇەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا بىڭتۇەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، بىڭتۇەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبىرىنى ياخشى سىزىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى، سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، چوڭ بىرلىك سەپ خىزمەت ئەندىزىسىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىلچە بوشاشماي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي قۇرۇلۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلايدىغان، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرىدىغان، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلايدىغان، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ ۋە ئۇنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، «تۆۋەن دەرىجىلىك قىزىل» «يۇقىرى دەرىجىلىك قارا»نى قەتئىي توسۇپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى ئېنىق تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدار ساپاسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك. تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئېسىل ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كادىرلارنى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك «بىرىنچى قول رەھبەر»لەرنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى قاتتىق كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكىنىڭ ئۆتكۈر شەمشەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلغان جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە بۇ يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، ئىلگىرىلەش ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال ئورنىتىپ ئاندىن بىكار قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پائال كېڭەيتىش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەردىن قاتتىق ساقلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ھالىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادتا سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ۋە مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەم - كوتسىز ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دادىل ئىش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا شىنجاڭنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىشى، شىنجاڭ تۆھپىسىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك!

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉