شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
2024 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2024 - يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ ئۆتتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ 2024 - يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.

سۆھبەت يىغىنى نەق مەيدانىنىڭ كەيپىياتى قىزغىن بولدى، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ پائال تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىنىڭ 11 ۋەكىلى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ توققۇز ۋەكىلى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تاشقى سودا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش، شىنجاڭ نېفىتىنى شىنجاڭدا ئايرىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاقتىن بۇيان، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى ئاپتونوم رايون بىلەن باشتىن - ئاخىر بىر سەپتە كۈرەش قىلىپ، ماس قەدەمدە ھەرىكەتكە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش جەھەتتە مۇھىم تۆھپە قوشتى. كۆپچىلىك ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، ھەرقايسىسى ئۆز ساھەسىنى چىقىش قىلىپ، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرى بىلەن يەرلىكنىڭ تېخىمۇ ياخشى يۇغۇرۇلۇش، جىپسىلىشىش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش نۇقتىسىدىن ئويلىشىپ، قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە زور ياردىمى بار، شۇنداقلا ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز كۆپچىلىكنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ، تىرىشىپ دوكلاتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇرىمىز.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى، كەسكىن، مۇرەككەپ ئىچكى - تاشقى ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياكى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندىلىشىدىن ئۈمىد بار، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سالمىقى مىسلىسىز بولدى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى سىجىل ئاشتى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يولغا قويۇشتىكى ئاچقۇچلۇق بىر يىل. مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر دۆلەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، كەسىپ ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى، ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز تۈرلۈك مۇھىم ئامىل كاپالىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ بىلەن مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىمىز.

ۋاڭ گاڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉