شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر سۈن يى) 1 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى نىنىستو بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: فىنلاندىيە ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگوغا قاراتقان دوستلۇق سىياسىتىدە ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بولۇپمۇ زۇڭتۇڭ نىنىستو ئىزچىل تۈردە فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئەمەلىي ھەمكارلىقىغا ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇشقا پائال كۈچ چىقىرىپ كەلدى، مەن بۇنى ئالقىشلايمەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورمانچىلىق سانائىتى، ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى، ئۇچۇر - خەۋەرلىشىش، ئېنېرگىيە، مۇھىت قوغداش، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، قىشلىق تەنھەرىكەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى، مەن بۇنىڭدىن خۇشال بولدۇم.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش - ھەمكارلىشىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغانلىقىدا. جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيە بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، ئەركىن سودىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە دۇنياۋى تەسىرى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. جۇڭگو تەرەپ فىنلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر - بىرىگە ئىستراتېگىيەلىك نەزەر ۋە يىراق كەلگۈسى نەزەردە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

نىنىستو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ فىنلاندىيەدە ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغان ھەمدە مەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان چاغدىكى كۆرۈنۈش ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، بىزنىڭ ئىلگىرىكى ھەر قېتىملىق ئالاقىمىز مەندە گۈزەل ۋە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. بىز ئورتاق جاكارلاپ ئورناتقان كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن فىنلاندىيە - جۇڭگو يېڭىچە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىغانلىقىدىن، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى مەزگىلىدە ئىككى تەرەپ يەنە ياخشى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە. فىنلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يوشۇرۇن كۈچنى يەنىمۇ قېزىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، فىنلاندىيە - جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى. نىنىستو جۇڭگو خەلقىنىڭ يېڭى يىلىنىڭ خۇشال - خۇرام ئۆتۈشىگە، ھەممە ئىشلىرىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ۋاڭ يى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉