شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ جۇڭگو بىلەن لېسوتونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن لېسوتو پادىشاھى لېزىيې Ⅲ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
يوللانغان ۋاقىت :2024-01-15 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن لېسوتو پادىشاھى لېزىيې Ⅲ ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لېسوتو بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، ھەر قايسىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىش مۇساپىسىدە قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش داۋامىدا ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر دوستانە بىللە ئۆتۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. مەن جۇڭگو - لېسوتو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، پادىشاھ لېزىيې Ⅲ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - لېسوتو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

لېزىيې Ⅲ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 30 يىلدا، لېسوتو - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى دۆلەت تىنچ بىللە تۇرۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش ئاساسىدا، مۇستەھكەم دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئىككى تەرەپ خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشۇردى. لېسوتو تەرەپ ئۇلۇغ جۇڭگو بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، لېسوتو - جۇڭگو دوستلۇقى ۋە دوستانە ھەمكارلىقىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بىلەن لېسوتو باش ۋەزىرى مات كائىن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - لېسوتو مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، جۇڭگو تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، لېسوتو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، جۇڭگو - لېسوتو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مات كائىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو لېسوتو تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى، شۇنداقلا دائىملىق دوستى. لېسوتو تەرەپ داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قاتنىشىدۇ.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉