شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
سۇچىلىق قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-12-26 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ

سۇچىلىق شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئاساسى، سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش سۇ بايلىقىدىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى؟ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا قانداق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى؟ قانداق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى مۇۋاپىق كاپالەتلەندۈردى؟ 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر جياۋ چۈەنشى ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

قۇرۇلۇشلار پائال ئالغا سىلجىتىلدى

سوئال: بۇ يىل شىنجاڭ قانداق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى؟

جاۋاب: شىنجاڭ يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى، مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنى قۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق، 2 - قېتىملىق يىغىنى ۋە مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك، %40 ناھىيە، شەھەر، رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى، «دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرىدىغان، ۋادى بىرتۇتاش پىلانلانغان، رايونلار ماسلاشقان، تارماقلار ھەمتۈرتكە بولىدىغان» سۇ بايلىقىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ «ئاساسىي رامكا»سى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلدى.

رەھبەرلەر دائىرىگە بۆلۈپ ھۆددىگە ئېلىش لايىھەسى تۈزۈلۈپ، خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇھىم، نۇقتىلىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى سۇچىلىق تۈرى بىلەن تولۇق قاپلاشقا قارىتا، قۇرۇلۇش قىلىش بىرىنچى سېپىنى تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش داۋامىدىكى تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىپ، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ قوشۇلدى.

ھەپتىلىك دوكلات قىلىش، ئايلىق دوكلات قىلىش ھەم ئايلىق ئورۇنلاشتۇرۇش - كېڭىشىش مېخانىزمى يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرۇلۇش باشلاش (ئەسلىگە كەلتۈرۈش) ۋە قۇرۇلۇش سۈرئىتى ئەھۋالى ھەر ۋاقىت ئىگىلىنىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرى ھەرىكەت ھالىتىدە تەھلىل قىلىنىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى چەكلەۋاتقان ئامىللار ۋاقتىدا تۈگىتىلىپ، قۇرۇلۇشنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى.

قۇرۇلۇش تۈرى قانۇنىي ئىگىسى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەسئۇلىيەت سۇبيېكتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر تۈرلۈك قۇرۇلۇشتىكى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالىدىغان ئادەم بولۇش، ۋەزىپىنى تۇتىدىغان ئادەم بولۇش، سۈرئەتنى تېزلىتىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. قەرەللىك ھالدا «ئايدا رەتكە تۇرغۇزۇش، پەسىلدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش» شەكلى قوللىنىلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سۇ مەمۇرىيىتى مەسئۇل تارماقلىرى ۋە تۈر قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە قۇرۇلۇش قىلىشنى يولغا قويۇش ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

يىللىق پىلان نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇندالدى

سوئال: سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟

جاۋاب: ھازىرغا قەدەر، يىللىق جەمئىي 30 مىليارد 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يىللىق پىلاننىڭ %105.68ى ئورۇندالدى.

مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا قۇرۇلۇش تېزلىتىلدى، بۇ يىل قورغان، چوڭ مىڭقات جىلغىسى، يۇرۇڭقاش قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك مۇھىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا 11 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان، نۆۋەتتە يىللىق جەمئىي 9 مىليارد 183 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملانغان بولۇپ، يىللىق پىلاننىڭ %81.99ىنى ئىگىلىدى.

ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشلىرى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلدى، بۇ يىل پۈتۈن شىنجاڭدا ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ 32سىدە داۋاملىق قۇرۇلۇش قىلىنىپ ھەم يېڭىدىن ئىش باشلىنىپ، 4 مىليارد 67 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىشنى تاماملاش پىلانلانغان. ھازىرغا قەدەر، يىللىق جەمئىي 3 مىليارد 675 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە جىنگوۋخې خۇڭشەن، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى مومۇق، نىيە ناھىيەسىدىكى نىيا قاتارلىق 15 ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرىغا يىللىق جەمئىي 2 مىليارد 288 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى، چەرچى، مولداباي، ئويبۇلاق، جامبىتاس قاتارلىق 17 كىچىك تىپتىكى سۇ ئامبىرىغا يىللىق جەمئىي 1 مىليارد 387 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

باشقا سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش بويىچە يېزا ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار 30 رېمونت قىلىش، ئاسراش تۈرى مۇددەتتىن ئىككى يېرىم ئاي بۇرۇن تاماملاندى، جەمئىي 539 جاي رېمونت قىلىنىپ، ئاسىرىلىپ، 2 مىليون 30 مىڭ يېزا ئاھالىسى خاتىرجەم سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى؛ يېزا سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى 60 قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىنىپ، 2 مىليارد 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، يېزا ئاھالىلىرىنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى، نۆۋەتتە يېزىلارنى تۇرۇبا سۈيى بىلەن مەركەزلىك تەمىنلەش نىسبىتى%90تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلۈپ، سۇ سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى؛ سۇغىرىش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، 3 مىليارد 620 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 72 ئورۇندا چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇغىرىش رايونى تۈرى قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، ئېتىزنى سۇغىرىدىغان سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 0.575كە يەتكۈزۈلدى؛ خەۋپ - خەتەر ساقلانغان سۇ ئامبىرى(چۈشۈرگە)دا خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، خەۋپ - خەتەر ساقلانغان 37 سۇ ئامبىرى (چۈشۈرگە)دا خەتەرنى تۈگىتىپ مۇستەھكەملەش قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىپ، 32 سۇ ئامبىرى، 50 چۈشۈرگە، 129 كىلومېتىرلىق توسما قۇرۇلۇشىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، باھالاش تاماملاندى؛ كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ يېشىل تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، بۇ يىلدىن بۇيان، 230 كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى نەق مەيداندا يېتەكلىنىپ ۋە نازارەت قىلىنىپ، تەكشۈرۈلۈپ، 27 كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى توسمىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس ئۆستۈرۈشتىكى باسقۇچلۇق ۋەزىپىلەر تاماملىنىپ، ئېكولوگىيەلىك ئېقىن مىقدارىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تور سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، كىچىك سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ يېشىل تەرەققىياتىدا ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كاپالەتلىك قىلىندى

سوئال: بۇ يىل شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا مول ھوسۇل ئېلىندى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇغىرىشقا ئىشلىتىلىدىغان سۇغا ناھايىتى ياخشى كاپالەتلىك قىلىندى، بۇنىڭدا قانداق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى مۇۋاپىق كاپالەتلەندۈرۈلدى؟

جاۋاب: ئاپتونوم رايوندىكى سۇچىلىق تارماقلىرى سۇ كېلىشنى ئالدىن مۆلچەرلەش، سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجى، سۇ بىلەن تەمىنلەش تەدبىرى، مۇلازىمەت كاپالىتىدىن ئىبارەت تۆت ئاچقۇچلۇق ھالقىنى پۈتۈن جەريانلىق باشقۇرۇشنى سىجىل كۈچەيتىپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۇەن، ۋادى بىلەن رايونلارنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، سۇ بايلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. مەركەزلىك بىرتۇتاش باشقۇرۇش ۋە دەل جايىدا سىستېمىلىق تەڭشەپ تەقسىملەش ئارقىلىق، سۇنىڭ كېلىشى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10 ئاز بولغان ئەھۋالدا، شىنجاڭ بويىچە سۇ بىلەن تەمىنلەشتىكى «كۆپ تەمىنلەش، كۆپ تەڭشەش، كۆپ سۇغىرىش، كۆپ ساقلاش» ۋە «دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ياخشىلاش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى تۈزۈلۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، زىرائەت تېرىلغۇ كۆلىمى، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى، سۇغا بولغان ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئاساسەن، سۇ بىلەن تەمىنلەش پىلانى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىلىپ، ئەتىيازلىق سۇغىرىش خىزمىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.

بۇ يىل، شىنجاڭ بويىچە جەمئىي 61 مىليارد 650 مىليون كۇب مېتىر سۇ بىلەن تەمىنلەندى، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا ئىگىلىكى سۇغىرىشىغا تەمىنلەنگەن سۇ 56 مىليارد 87 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليارد 380 مىليون كۇب مېتىر كۆپ تەمىنلەندى، سانائەت، تۇرمۇش ھەم ئېكولوگىيەگە تەمىنلەنگەن سۇ 5 مىليارد 563 مىليون كۇب مېتىر بولدى. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىلمىي توسۇپ ساقلاش ئارقىلىق، سۇ ئامبارلىرىدىكى ساقلانغان سۇ كۆپەيتىلدى، ھازىرغا قەدەر، سۇ ئامبارلىرىدا ساقلانغان ئومۇمىي سۇ مىقدارى 14 مىليارد 952 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليارد 341 مىليون كۇب مېتىر كۆپەيدى. بۇ يىل كەلكۈننى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشتىكى سۇ مىقدارى 1 مىليارد 720 مىليون كۇب مېتىر بولۇپ، كەلكۈننىڭ «ئالدىنى ئالالايدىغان بولۇش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنالايدىغان بولۇش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉