شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شى جىنپىڭ نىكاراگۇئا زۇڭتۇڭى ئورتېگا بىلەن تېلېفونلاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-12-25 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىكاراگۇئا زۇڭتۇڭى ئورتېگا بىلەن تېلېفونلاشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن نىكاراگۇئانىڭ رەسمىي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى يىل ئىلگىرى، زۇڭتۇڭ ئورتېگا ۋە مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ مۇرىللو جۇڭگو - نىكاراگۇئا دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا سىياسىي قارار چىقاردى، تارىخ سىلەرنىڭ جۇڭگو - نىكاراگۇئا مۇناسىۋىتى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپەڭلارنى ئەستە چىڭ ساقلايدۇ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەسلىگە كەلگەن ئىككى يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بىلەن، جۇڭگو - نىكاراگۇئا مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتتى ھەم پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. مەن زۇڭتۇڭ ئورتېگا بىلەن بىرلىكتە، بۈگۈن جاكارلاپ ئورناتقان جۇڭگو - نىكاراگۇئا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو - نىكاراگۇئا مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى يارىتىشنى خالايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ نىكاراگۇئا تەرەپنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى كۆپ قېتىم ئاشكارا قوللىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپ نىكاراگۇئانىڭ ئىشەنچلىك دوستى بولۇشنى خالايدۇ، نىكاراگۇئانىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ نىكاراگۇئا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. مەن 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، نىكاراگۇئا تەرەپنىڭ پائال ئۇدۇللىشىشىنى قارشى ئالىمەن. جۇڭگو - نىكاراگۇئا ئەركىن سودا كېلىشىمى كېلەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھەمكارلىق نەتىجىسى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنىڭ كۆلىمى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ نىكاراگۇئاغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈپ، نىكاراگۇئا تەرەپ ئېھتىياجلىق بولغان، نىكاراگۇئانىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشىدىغان تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، نىكاراگۇئا خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ نىكاراگۇئا تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئىشلاردا ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، زومىگەرلىككە، مۇشتۇمزورلۇق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئورتېگا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، نەچچە يۈز مىليون جۇڭگو خەلقىنى نامراتلىقتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتۇلدۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىقلاردىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىپ خەلقنىڭ تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىگە، بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشۇپ، دۇنياغا ئۈمىد بېغىشلىدى، كۈچ قوشتى. نىكاراگۇئا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە ئىككى يىل بولغان پەيتتە، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن نىكاراگۇئا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى ئورتاق جاكارلىغانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلىمەن، بۇ، مۇقەررەر ھالدا نىكاراگۇئا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە بولۇپ قالىدۇ. نىكاراگۇئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نىكاراگۇئانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغدىشىنى قوللىغانلىقىغا ھەم نىكاراگۇئانىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ. نىكاراگۇئا تەرەپ ئۇلۇغ جۇڭگولۇق قېرىنداشلار بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە قەدىرلەيدۇ، قەتئىي تۈردە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كېلىش ئۇلۇغ ئىشىنى قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق يەرشارىۋى ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى قوللايدۇ. نىكاراگۇئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە مۇشتۇمزورلۇق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئورتېگا يەنە گەنسۇدا يەر تەۋرىگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن شى جىنپىڭغا نىكاراگۇئا خەلقىنىڭ قېرىنداشلارچە ھال سورىغانلىقىنى يەتكۈزدى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: يەر تەۋرەش يۈزبەرگەندىن كېيىن، مەن بىرىنچى ۋاقىتتا يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش - قۇتقۇزۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدىم. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، بىز چوقۇم يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، ئاپەت يۈزبەرگەن رايوندىكى خەلق چوقۇم نورمال تۇرمۇشىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، يۇرت - ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن نىكاراگۇئا جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉