شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش
يوللانغان ۋاقىت :2023-12-19 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□شىن شىجيەن

ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 42 مىليارد 384 مىليون جىڭ بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليارد 113 مىليون جىڭ كۆپىيىپ، ئومۇمىي ھوسۇلنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى! تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 371 مىڭ 500 مو بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 5 مىليون 863 مىڭ 500 مو ئېشىپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇردى! 2023 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ۋە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرۇشنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبىگە پۈكۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت مەنپەئىتىنى مۇھىم بىلىپ، پائال تۈردە دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشقانلىقىدىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغانلىقى ۋە نەتىجە ياراتقانلىقى بار.

يېزا ئىگىلىكى بولمىسا مۇقىملىق بولمايدۇ، ئاشلىق بولمىسا مالىمانچىلىق كۆرۈلىدۇ. 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش باشتىن - ئاخىر يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش. ئاشلىق بىخەتەرلىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلىگەندىلا، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇللۇق ئورنىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرقانداق ۋاقىتتا جەزمەن چىڭىتىش كېرەك، قولدا ئاشلىق بولسا، كۆڭۈلدە تەشۋىش بولمايدۇ دېگەن سۆز ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەقىقەتتۇر. ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا پۈتۈن مەملىكەت «بىر تاختا شاھمات» بولۇشقا، ھەرقايسى جايلار تەڭ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.

پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسىنى پائال بەرپا قىلىشتىن، ئاشلىق، پاختا، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق كەسىپ توپى قۇرۇشنى تېزلىتىشكىچە، يەنە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»نى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشقىچە، شىنجاڭ ئاڭلىق ھالدا مەسىلىگە ئومۇمىي ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن قاراپ، خىزمەتلەرنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاشلىق، پاختا، مېۋە، كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك 100 مىليارد جىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بويىچە تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «جۇڭگو تاماق قاچىسى»نى تېخىمۇ لىق تولدۇردى، تېخىمۇ مەھكەم تۇتتى، سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.

بىر ئۈلۈش ئەجىر قىلسا، بىر ئۈلۈش ھوسۇل ئالغىلى بولىدۇ. ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ۋە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغاندىن باشقا، يەنە پۈتۈن يىللىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى تۇنجى قېتىم 40 مىليارد جىڭدىن ئاشتى، كۈزگى بۇغدايدا مەملىكەت بويىچە كەڭ كۆلەمدە بىرلىك ھوسۇل جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى، قوناقتا مەملىكەت بويىچە 100 مو، 1000 مو، 10 مىڭ مودىن ئىبارەت ئۈچ تۈردىكى يۇقىرى ھوسۇل رېكورتى يېڭىلاندى... بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا خۇش خەۋەرلەر ئارقا - ئارقىدىن تارقالدى، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ قەتئىي تۈردە ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشنى ياخشى بېجىرىش، جايىدا بېجىرىش ئەمەلىي ھەرىكىتىدىن ئايرىلمايدۇ. دەل ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلغانلىقى، «سۇ، يەر» بايلىقى كاپالىتى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلگەنلىكى، دەل يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى، دەل مىليونلىغان دېھقاننىڭ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تىرىشىپ ئىشلىگەنلىكى، ئىلغار پەن - تېخنىكا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەسلىھەلەرنىڭ كاپالەتلىك قىلىشى بولغاچقا، چەكسىز مۇنبەت تۇپراقتا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتەك خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى.

«<خۇڭفەن>دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سەككىز سىياسەتتە، ئاشلىق بىرىنچى ئورۇنغا قويۇلغان.» ئاشلىق بىخەتەرلىكى خەلق تۇرمۇشى مەسىلىسى، ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي مەسىلە. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى باشتىن - ئاخىر چىڭىتىپ، بايلىق ئۈستۈنلۈكى، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىر رايون - بىر رايوندىن، بىر ھالقا - بىر ھالقىدىن، بىر سورت - بىر سورتتىن چىڭ، پۇختا كۆزلىسەكلا، بىزنىڭ تېخىمۇ سالمىقى بار مول ھوسۇل ئېلىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ تۆھپىسى قوشۇشقا ئىشەنچىمىز بار.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: 沙衣力克·达拉力汉