شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا «سۈرئەت تېزلىكى» سىجىل يېڭىلاندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-12-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

قۇرۇلۇش قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، يىللىق نىشاننى ئورۇنداشقا ئاتلىنىش

شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا «سۈرئەت تېزلىكى» سىجىل يېڭىلاندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

يىل ئاخىرى يېقىنلاشتى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا قۇرۇلۇش قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلى چىڭ تۇتۇلۇپ، ئارقا - ئارقىدىن «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلىپ، ۋاقىت چىڭ تۇتۇلۇپ، ئىلگىرىلەش سۈرئىتى تېزلىتىلىپ، بېكىتىلگەن يىللىق نىشانغا قاراپ پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىلدى.

12 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، ئاقسۇ دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىكى قۇم ئېرىق دەرياسى چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا ماشىنىلار گۈرۈلدەپ، ئادەملەر ئالدىراش بولۇپ، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن قۇرۇلۇش مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى.

شىنجاڭ گېجوۋبا چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى ۋۇ خەيجىن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023 - يىللىق پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، چوڭ مىڭقات جىلغىسى سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىدا بېكىتىلگەن قۇرۇلۇش قىلىشتىكى مۇھىم تۈگۈن جەمئىي سەككىز تۈرلۈك بولۇپ، ھەممىسى قەرەلىدە ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاندى، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ توسمىغا بېتون قۇيۇش ئېگىزلىكى يىللىق نىشاندىكىدىن 20 مېتىر ئاشتى.

«قۇرۇلۇش قىلىش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غەلىبىسېرى ئالغا سىلجىتىپ يەنە ياخشى نەتىجە يارىتىمىز.» ۋۇ خەيجىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە ئومۇمىي ئىلگىرىلەش پىلانىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، قىش پەسىللىك قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ تۈرلۈك كاپالەت تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، نەق مەيداندا ماسلاشتۇرۇش، بايلىق تەقسىملەش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قۇرۇلۇش قىلىش پىلانى ۋە ئىش تەرتىپىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، كېيىنكى تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش، قۇرۇلۇش قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئاساس سالىمىز.

شۇ كۈنى، خېجىڭ ناھىيەسى تەۋەسىدىكى شىنجاڭ خورگۇتۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتاتتى. بۇ قۇرۇلۇش شىنجاڭنىڭ «14 - بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق سۇ ئېلېكتىر تەرەققىيات تۈرى بولۇپ، قايدۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى دەريا بۆلىكى يىرىك پىلانىنىڭ «ئىككى ئامبار، يەتتە دەرىجە» بويىچە ئېچىش لايىھەسىدىكى 3 - دەرىجىلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شۇنداقلا دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇۋاتقان ئادەتتىكى سۇ ئېلېكتىرى تۈرى.

«نۆۋەتتە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ 2023 - يىللىق تۈگۈن نىشان - ۋەزىپىلىرى تولۇق تاماملاندى.» دۆلەت ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى شىنجاڭ قايدۇ دەرياسى ۋادىسى سۇ ئېلېكتىر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى بيەن گۇاڭلى مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز قۇرۇلۇش سۈپىتى تۆۋەن چېكى ۋە قۇرۇلۇش قىلىش بىخەتەرلىك قىزىل سىزىقىنى داۋاملىق چىڭ ساقلاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، قىش پەسلىدە بىخەتەر قۇرۇلۇش قىلىشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يىل ئىچىدە تۇنجى تۈگۈننىڭ سول قىرغىقىدىكى توسما بۆلىكىنىڭ ئۇلىغا 12 مىڭ كۇب مېتىر بېتون قۇيۇش، قۇرۇلۇش قىلىش تارماق ئۆڭكۈرىنى يەنە 150 مېتىر قېزىش، ئاساسىي ئۆڭكۈرنى يەنە 500 مېتىر قېزىش، زاۋۇت بىناسىنىڭ ئۇل ئازگىلىنى تولۇق قېزىشنى تاماملاپ، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «سۈرئەت تېزلىكى»نى سىجىل يېڭىلاشنى پىلانلىدى.

بۇ ئىككى كۈندە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ يېڭى مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇش تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، بىنا ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك ئىش تەرتىپلىرىدە مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلار ئىسسىق ساقلاش پاختىلىق كىيىمى كىيىۋالدى.

بۇ تۈرنى جۇڭگو بىناكارلىق - قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق - قۇرۇلۇش (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى ئۈستىگە ئالغان. نۆۋەتتە، تۈرنىڭ 1 - بەلگە بۆلىكىدىكى 12 كۇرسانتلار ياتاق بىناسىنى بەش تەرەپنىڭ ئالدىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشى تاماملاندى. تۈرنىڭ 2 - بەلگە بۆلىكىنىڭ پىلاندىكى تاماملىنىش ۋاقتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولۇپ، نۆۋەتتە توققۇز بىنانىڭ يەككە قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەش، يېڭىدىن سېلىنغان قىسمىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشىنى قىلىش، ئۆگزىنى سۇ ئۆتمەس قىلىش، ئىككىلەمچى قۇرۇلما، پولات قۇرۇلما قۇرۇلۇشى قىلىش تاماملاندى؛ ماشىنا - ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنى قۇراشتۇرۇش ھەم ئۆي ئىچىنى بېزەش قۇرۇلۇشى قىلىنىۋاتىدۇ. تۈرنىڭ 3 - بەلگە بۆلىكىدە ماس قەدەمدە جىددىي قۇرۇلۇش قىلىنماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلۇشتا چوڭ قېلىپنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسسىقلىق ساقلاش سىستېمىسى ۋە ئۆزلۈكىدىن ئىسسىقلىق ساقلايدىغان ھاۋا ئۆتكۈزۈشچان پارچە ئىشلىتىلىپ، تۈرنىڭ ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت تېجەپ قېلىندى.

«بىز پۇختا بولغان پىلان بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، بايلىقنى ماسلاشتۇرۇش ۋە جەرياننى نازارەت قىلىش - تىزگىنلەش ئارقىلىق، ۋاقتىدا تاپشۇرۇشقا ھەمدە سۈپىتىنىڭ بىرىنچى قاتاردا تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز» دېدى تۈرنىڭ نەق مەيدان مەسئۇلى.

بىڭتۇەن 3 - شى تۇمشۇق شەھىرىنىڭ ساۋخۇ بازىرىدا، شىنجاڭ بېيشىن يەنتۇ قۇرۇلۇش چارلاش - لايىھەلەش چەكلىك شىركىتى قۇرغان كونا شەھەر رايونىدىكى يول ھەم تۇرۇبا لىنىيەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش تۈرى جىددىي ئالغا سىلجىتىلماقتا ئىدى. «قۇرۇلۇش مۇددىتى پىلانى بويىچە ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا ئىشەنچىمىز بار.» بېيشىن يەنتۇ شىركىتىنىڭ ساۋخۇ شەھەر مەمۇرىيىتى تۈر دىرېكتور بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ياۋ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: تۈر بۆلۈمىمىز تۈگۈن نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، قىش پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلىش لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈپ، قىش پەسلىدە قۇرۇلۇش قىلىش ۋەزىپىسىنى تەپسىلىي تەقسىملەپ ۋە پىلانلاپ، قېلىن قار - مۇزلۇق ھاۋارايىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە تەييارلىق بار بولۇش، تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، تۈر تۈگۈنىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدۇ.

4 - پەسىلگە كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ نۇڭفۇ بازىسى ماناس يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ يىلىغا 306 مىڭ توننا ئىچىدىغان تەبىئىي سۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى قۇرۇلۇش تۈرىدە كۈچەپ ئىشلەش دولقۇنى سىجىل كۆتۈرۈلدى. شىنجاڭ نۇڭفۇ بازىسى ماناس يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى جوۋ يۇڭچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 11 - ئاينىڭ باشلىرىدا تۈرنىڭ توپا قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي تاماملاندى، نۆۋەتتە، ئۆي ئىچى يانداش قۇرۇلۇشى قىلىش ۋە پارچە قۇرۇلۇش قىلىشقا يۆتكىلىپ، كېلەر يىلى بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ تەڭشەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەۋاتىمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت