شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-12-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز قومۇل شەھىرىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خاس كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئاراتۆرۈك، 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر ئەن يەن خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنىدىن 3 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز قومۇل شەھىرىگە كېلىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش، نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشى، سانائەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

باركۆل داخې ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ھەم ئۇنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئايرودۇرۇمنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىش پەسلىدىكى ئىش توختىتىش مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ ئايرودۇرۇمنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش تەييارلىقى ھەم ئالاقىدار تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، كېيىنكى قۇرۇلۇشلارنى ئالغا سىلجىتىشقا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

«شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش تۈرى بولغان باركۆل 800± كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توكنى ئۆزگىرىشچان توكقا ئالماشتۇرۇش پونكىتى، شىنجاڭ خۇاديەن 2 × 1 مىليون كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى، شىنجاڭ ئېغىر سانائىتى - ھاسىلىي ئېنېرگىيە 2 × 1 مىليون كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدا، ئەركىن تۇنىياز قۇرۇلۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، قىيىن مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭنىڭ توكىنى چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قومۇلنىڭ ئەۋزەل بايلىقنى ئايلاندۇرۇشىنى تېزلىتىش، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىخەتەرلىك ۋە سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، نادىر قۇرۇلۇش، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، بىخەتەر قۇرۇلۇش بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش كېرەك.

شىنجاڭ ئېنېرگىيە (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونى شىتۇمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىدا قېزىش، توشۇش مەشغۇلاتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتاتتى. ئەركىن تۇنىياز كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش، سىرتقا توشۇش، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، مۇنداق تەكىتلىدى: تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋەزىپىسى ۋە بازار ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، زامانىۋىلاشقان، ئاقىللاشقان يېشىل كان قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

ئارا تۆرۈك سانائەت باغچە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، شىنجاڭ خۇيشېن يېشىل توكتىن ھىدروگېن ئېلىش ھەم ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى، شىنجاڭ خۇينېڭ يىلىغا 15 مىليون توننا كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش تۈرى، شۆفېڭ پەن - تېخنىكىسى ۋە جياڭنا گۇرۇھىنىڭ كۆمۈردىن ئۇنىۋېرسال پاكىز پايدىلىنىپ يۇقىرى قىممەتلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ھەمدە قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتور چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ توپلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىشكە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، «تۆتنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش»نى تۇتقا قىلىپ، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىل ئاخىرىدىكى كۈچەش مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، سانائەت ئىقتىسادىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ماي تەركىبى مول تۆۋەن دەرىجىلىك كۆمۈرنى سۈپەتكە، دەرىجىگە ئايرىپ پايدىلىنىش كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خاس كەسىپلەرنى زورايتىش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن تولۇق، جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، كېلەر يىللىق تۈر زاپىسىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، بىخەتەرلىك ۋە سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈر قۇرۇلۇشى سۈرئىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت