شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاكادېمىكلارنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشلا ئەمەس
يوللانغان ۋاقىت :2023-12-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

باش قىشتىكى شىنجاڭدا سوغۇق بارغانسېرى كۈچەيدى، لېكىن ئىلىم - پەننى سۆيۈش، ئىلىم - پەننى ئۆگىنىش، ئىلىم - پەندىن پايدىلىنىش قىزغىنلىقى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەۋج ئالدى.

11 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 30 - كۈنىگىچە، «ئىلىم - پەن ۋە جۇڭگو − مىڭ ئاكادېمىك . مىڭ مەيدان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» ۋە «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشچان جۇڭگو» مۇلازىمەت ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن 30 نەچچە ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىس «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورنى، كارخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، جەمئىي 30 نەچچە مەيدان ئاساسىي مەقسەت دوكلاتى بەردى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلىدى ھەم پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمىتى پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

ئاكادېمىكلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلىشىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشلا ئەمەس.

ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش

ئىلىم - پەنگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاش

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىجادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىككى قانىتى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك.

بۇ قېتىمقى «مىڭ ئاكادېمىك . مىڭ مەيدان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىدە، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر مەكتەپ، پەن تەتقىقات يۇرتى، ئورنى، كارخانا قاتارلىقلارغا كىرىپ، ئەڭ يېڭى ئىلىم - پەن بىلىملىرى، ئىلىم - پەن ئۇسۇللىرىنى تارقاتتى...

جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋۇ شياڭپىڭنىڭ مەكتىپىگە كېلىپ پەننى ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۈرۈمچى 1 - ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى نيې زىجيې مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئالدىن كۆرۈپ، ئالەمگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگىلىدى. «ئاكادېمىكنىڭ چۈشەندۈرۈشى مېنى ئالەمنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ سىستېمىلىق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، فىزىكىغا بولغان قىزىقىشىم ۋە ئىزدىنىش ئىستىكىمنى قوزغاتتى» دېدى نيې زىجيې.

قىزىقىش ئادەمنىڭ تەبىئىيتى، ئىلىم - پەنگە بولغان قىزىقىشنى يېتەكلەش ۋە يېتىلدۈرۈشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇلار تېخىمۇ كۆپ ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى چۈشىنىپ، ئىلىم - پەن ئۇسۇللىرىنى ئىگىلەپ، ئالىم بولۇش يوشۇرۇن قابىلىيىتىنى ھازىرلىغان زور بىر تۈركۈم ياش - ئۆسمۈرلەر توپىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ.

بۇ قېتىمقى «مىڭ ئاكادېمىك . مىڭ مەيدان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» شىنجاڭ سەپىرى پائالىيىتىدە، 15 مەيدان ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش پائالىيىتى بار ئىدى.

ئاكادېمىكلارنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلىشى ھەم ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئىلىم - پەنگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاش، ھەم ئىلىم - پەن تەپەككۇرىنىڭ ئۇچرىشىشى، ئىلىم - پەن ئۇسۇلىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ھېسابلىنىدۇ.

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىر مەيدان ئالاھىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دوكلاتىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى جۇ يۇڭگۇەن «كۆرگىلى بولمايدىغان دۇنيا بىلەن تىنچ بىللە ئۆتۈش» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. ئۇ مىكرو ئورگانىزملارنى ئىنسانلارنىڭ كۆرەلمەيدىغان «قەدىناس دوستى» دەپ ئاتىدى، ھەمدە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىكى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ تەركىبىنى تەڭشەش ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، ئىنسانلارنىڭ تېخىمۇ ساغلام ئىممۇنىتېت توسىقى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەرگىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى.

«ئاكادېمىك جۇ يۇڭگۇەننىڭ چۈشەندۈرۈشى ھەم كەسپىي ھەم قىزىقارلىق بولۇپ، ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سۆزلەپلا قالماي، يەنە تەتقىقات ئۇسۇلىنىمۇ سۆزلەپ بەردى، ئىنتايىن قوللىنىشچان ئىكەن.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ ئېكولوگىيە پەنلىرى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتى تاۋ شىنرەن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنىم ئاساسلىقى يەر ئۈستى قىسمىدىكى ئۆسۈملۈكلەر بولۇپ، يەر ئاستى مىكرو ئورگانىزملىرىغا ناھايىتى ئاز چېتىلاتتى، بۈگۈنكى چۈشەندۈرۈش ماڭا يېڭى تەتقىقات پىكىر يولىنى ئېچىپ بەردى».

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ۋاڭ گۇاڭچياڭ مۇنداق دېدى: ئاكادېمىكلار پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلىگەندە ئاكادېمىكلار توپىنىڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىلىم - پەن بىلىمى، ئىلىم - پەن ئۇسۇلى، ئىلىم - پەن ئىدىيەسى ھەم ئىلىم - پەن روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ يىراققا تارقاتقىلى بولىدۇ.

ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش

ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش

شىنجاڭنىڭ يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى تېخىمۇ كۆپ ئاكادېمىكنىڭ قاتنىشىشىغا موھتاج.

11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈ جىڭچۈەن «شىنجاڭنىڭ چۆل - باياۋان ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى» دېگەن تېمىدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دوكلاتى بەردى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، ئۇ كۆپچىلىككە كوللېكتىپىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىدە سىناق قىلىپ تېرىغان مېۋە شوخلىنى كۆرسەتتى. «بۇ خىل شوخلىنىڭ بىر جىڭى شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى بازارلاردا 33 يۈەنگە سېتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايدۇ» دېدى ئاكادېمىك يۈ جىڭچۈەن.

مېۋە شوخلىنىڭ باھاسى ئەرزان بولمىسىمۇ، بازاردا ناھايىتى قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى. ئاكادېمىك يۈ جىڭچۈەن بۇنىڭدىكى سىرنى ئېچىپ بەردى: سۈپىتى ياخشى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى. بۇ ئەۋزەللىكلەر شىنجاڭنىڭ يېتەرلىك يورۇقلۇق بايلىقى، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنىڭ چوڭ بولۇشى، ھەمدە ئەلا سۈپەتلىك سورتلار ھەم شورلۇق سۇنى تۇزسىزلاشتۇرۇش تېخنىكىسى، SAS تۇپراقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ پايدىسىدىن بولغان.

شىنجاڭ تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپ، ئاچقۇچ ئەۋزەل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىشتا. بۇ نۇرغۇن ئاكادېمىكنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى ئورتاق تونۇشى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇشى بارغانسېرى كۆپەيدى، ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، «ئىلىم - پەن ۋە جۇڭگو» پائالىيىتى 2002 - يىلى شىنجاڭغا كىرگەندىن بۇيان، جەمئىي 1000غا يېقىن ئاكادېمىك، مۇتەخەسسىس تەشكىللىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا 100 مەيداندىن ئارتۇق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمىي دوكلات ئېلىپ كېلىپ، ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرگەن، بىۋاسىتە نەپكە ئېرىشكەن ئامما 100 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن، ۋاسىتىلىك نەپكە ئېرىشكەن كىشىلەر توپى سان - ساناقسىز بولغان.

ئاكادېمىكلار بايلىقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پائال تۈردە سۇپا بەرپا قىلىپ، ھازىرغىچە پۈتۈن شىنجاڭدا 16 ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى قۇردى. ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتى يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلغان، بىرلىشىپ پەن - تېخنىكا تەتقىقاتى ئېلىپ بارىدىغان يۇقىرى قاتلاملىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بولۇپ، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ھەل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئاكادېمىكلار خىزمەت پونكىتىنىڭ پايدىلىق تولۇقلىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى 12 ئاكادېمىكلار ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىككى ئاكادېمىيەنىڭ ئاكادېمىكلىرى، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ھەم ئۇلارنىڭ كوللېكتىپىنى يۇمشاق ئۇسۇلدا كىرگۈزۈپ، تۈرلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپلىرى ياكى پەن - تېخنىكا ساھەسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، ئورتاقلىققا ئىگە بولغان تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

تېخنىكا ئېھتىياجىنى نىشانلاش

تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش

ئاكادېمىكلار بىر كۈچلۈك بولغان پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىغا باشلامچىلىق قىلىدۇ، شۇنداقلا مەلۇم بىر ساھەدىكى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشى ۋە سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. قانداق قىلغاندا ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟ بۇ بىر ئويلىنىشقا ئەرزىيدىغان مەسىلە.

11 - ئاينىڭ 27 - كۈنى جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ھوشۇر ئىسلام مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىللە ئاقسۇ ۋىلايىتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ھەربىر جايغا بارغاندا، ئۇ ئالاقىدار مەسئۇل كىشىدىن: «قايسى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى بىلەن ھەمكارلاشتىڭلار، تېخنىكا جەھەتتە يەنە قانداق قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ...» دەپ سورىدى.

تېخنىكا ئېھتىياجىنى نىشانلىغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى دەل جايىدا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. يېقىندا، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، بىيو تېببىي دورا كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان پەن - تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ تۇنجى قېتىم كارخانىلارغا نۇقتىلىق يۈزلىنىپ پەن - تېخنىكا ئېھتىياجىنى توپلىدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 2 - دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى لى يۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: دەل جايىدا بولغان تېخنىكا ئېھتىياجىنى يىغىنچاقلىيالماسلىق ھازىر ساقلىنىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك مەسىلە.

تېخنىكا ئېھتىياجىنى دەل جايىدا تېپىش پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى. ئېھتىياجنى دەل جايىدا تاپقاندىلا، ئاندىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تەرەققىياتتا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئاكادېمىكلار كوللېكتىپى بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىشتا، يەنە مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، ئاكادېمىكلار كوللېكتىپى «يالغۇز كۈرەش قىلسا» بولمايدۇ.

يۈ جىڭچۈەن كوللېكتىپىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە كوللېكتىپىمىز سىناق قىلىپ تېرىغان مېۋە شوخلا شەرقىي قىسىم رايونلاردىكى بازارلاردا ناھايىتى خېرىدارلىق بولسىمۇ، لېكىن توشۇش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش ۋە شۇ جايدىكى ئىشلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگىمۇ دۇچ كەلدى. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ قاتنىشىپ، بۇ قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىپ، ياخشى مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ كەڭ بازارغا يۈزلەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاڭ گۇاڭچياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش، بىيو تېببىي دورا كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى جەھەتتىكى پەن - تېخنىكا قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە قارىتا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەم پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، كەسىپ تەرەققىياتىدىكى تېخنىكا «توسۇق نۇقتىسى» «قىيىن نۇقتىسى»نى بىرلىكتە ھەل قىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئەقلىي كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت