شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-12-05 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايوندىكى بىر قىسىم دۆلەت كارخانىلىرىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

​سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك​

خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى


12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭتەي (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل سودا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە كارخانىنىڭ باشقۇرۇش - تىجارەت ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 12 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش گۇرۇھى، جۇڭتەي گۇرۇھى، دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل سودا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشى، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشى، كۈچىيىشى، ئەلالىشىشى، زورىيىشىغا تۈرتكە بولۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىشتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش گۇرۇھىغا كېلىپ، كارخانىنىڭ باشقۇرۇش - تىجارەت، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ۋە كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىشتىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ما شىڭرۇي ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق تاپىلىدى: شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ، تايانچلىق، يېتەكچىلىك رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر قاتلىمى گازىنى ئېچىشتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك مەسئۇلىيەت، تەدبىرلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلاش كېرەك.

جۇڭتەي گۇرۇھىدا، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز كارخانىنىڭ كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى، تىجارەت نەتىجىسى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، كارخانىدىكى مەسئۇل يولداشلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات پىكىر يولىنى كېڭەيتىپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىزمەت بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، دىققەتنى ئەۋزەل كەسىپ بۆلەكلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ سىجىل كۈچەپ، تېخنىكا تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەشنى ياخشى تۇتۇپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. قوشۇن ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.

شىنجاڭ دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى بىلەن دۇڭفېڭ ئاپتوموبىل گۇرۇھى شېرىكلىشىپ قۇرغان كارخانا. ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز نەق مەيداندا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىنى كۆردى، خىزمەت تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى ھەم شىركەتنىڭ قۇرۇلۇپ يوپۇق ئېچىش ۋە جۇڭگو − ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يولغا چىقىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ما شىڭرۇي كارخانىنىڭ شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى، سىياسەت قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى پۇرسىتىنى پائال ئىگىلەپ، مەۋقەنى شىنجاڭغا قويۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى بازارنى زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، پۇختا ۋە كۈچلۈك ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دۆلەت كارخانىلىرى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى «تۈۋرۈك» بولۇش سۈپىتى بىلەن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي كەسىپنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يادرولۇق فۇنكسىيەنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مەركىزىي خىزمىتىگە، ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا پائال مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئىستراتېگىيەلىك كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئۇزارتىپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش جەريانىدىكى يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى سىجىل يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئىچكى - تاشقى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ماسلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، كۈچ سەرپ قىلىپ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، كارخانا باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە سىجىل كۈچەپ، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى بويىچە تىجارەت قىلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۈنۈمى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان دۆلەت كارخانىلىرىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. زور خەۋپ - خەتەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، كەسىپلەشكەن، سىستېمىلاشقان، قانۇنچىللاشقان نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەۋپ - خەتەرنى كۆزىتىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، قەرز، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، بىخەتەرلىك، مۇھىت قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى پائال، پۇختا ياخشى ئىشلەپ، سىستېما خاراكتېرلىك خەۋپ - خەتەر كۆرۈلمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ۋاڭ گاڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت