شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي قازاقىستان ئاباي ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ئۇرانقايېف بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-30 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە قازاقىستان ئاباي ئوبلاستىنىڭ ئوبلاست باشلىقى ئۇرانقايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇرانقايېفنىڭ جۇڭگو شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە قازاقىستان زۇڭتۇڭىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. قازاقىستان ئاباي ئوبلاستى بىلەن جۇڭگو شىنجاڭ بىر - بىرىگە قوشنا بولۇپ، جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىدا كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ يىل 3 - ئايدا، مەن جۇڭگو شىنجاڭ دوستلۇق ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ دۆلىتىڭلاردا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ۋە غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدىم. جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ۋە 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە يېڭى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ھازىر، جۇڭگو شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى پائال زىممىگە ئېلىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ يىلدىن بۇيان قازاقىستان بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. بىز ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاباي ئوبلاستى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر قويۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، قېزىلما بايلىق، ئېنېرگىيە، مائارىپ ۋە داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ساياھەتنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمىز.

ئۇرانقايېف قازاقىستان ئاباي ئوبلاستىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قازاقىستاننىڭ سەمىمىي دوستى ۋە ئىشەنچلىك ھەمراھى، جۇڭگو شىنجاڭ قازاقىستان ئاباي ئوبلاستىنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھلىرىنىڭ بىرى، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاباي ئوبلاستىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، زامانىۋى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى پائال كېڭەيتىپ، ئۆزئارا بېرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز. جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئاباي ئوبلاستىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنى، قاتناش ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، بىز كۈچلۈك قوللاش، كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

قادېن كەبىن، مەردان مۇقىيىت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە كارخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، قازاقىستاننىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى ۋە ئاباي ئوبلاستىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت