شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەملىكەت بويىچە تۇنجى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش بىلەن ئادەتتىكى سۇ ئېلېكتىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئېچىش تۈرىدە شىنجاڭدا قۇرۇلۇش باشلاندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-30 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، ئىختىيارى مۇخبىر باتېر خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ خېجىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بىلەن گۇن خابچىل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى خېجىڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، مەملىكەت بويىچە سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش بىلەن ئادەتتىكى سۇ ئېلېكتىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئېچىش - يۈرۈشتۈرۈش تۇنجى سۇ ئېلېكتىر تۈرى قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خېجىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 2 مىليون 100 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئاپتونوم رايون پىلانلىغان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىدا ئاساسلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىدىكى يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش، تۆۋەن پەللىنى تولۇقلاش، ئېنېرگىيە ساقلاش، چاستوتىنى تەڭشەش، فازا تەڭشەش ۋە جىددىي ۋەقەلەردە زاپاس ئىشلىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. گۇن خابچىل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قايدۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى دەريا بۆلىكىدىكى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى «ئىككى ئامبار، يەتتە دەرىجە» بويىچە ئېچىش لايىھەسىدىكى 4 - دەرىجىلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 257 مىڭ كىلوۋات. ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاساسلىقى توسما، سۇ چىقىرىش ئىمارىتى، سۇ باشلاپ توك چىقىرىش سىستېمىسى، ئېكولوگىيەلىك ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. قايدۇ دەرياسى گۇن خابچىل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى سۇ ئامبىرى خېجىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ تۆۋەنكى سۇ ئامبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئىككى تۈر بىرتۇتاش پىلانلىنىپ لايىھەلىنىدۇ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ئېچىلىدۇ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ.

دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنجاڭ قايدۇ دەرياسى ۋادىسى سۇ ئېلېكتىر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر يې جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: خېجىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە گۇن خابچىل سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، زامانىۋى ئېنېرگىيە سىستېمىسى ۋە يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم قۇرۇلۇش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىركىتىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە كۈچ قوشۇش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەت پاكىز ئېنېرگىيە كەسپى ئېگىزلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى تۈرنى ئېچىش قۇرۇلۇشى قايدۇ دەرياسى ۋادىسى ۋە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىدىكى 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك سۇ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ 8 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىغان يورۇقلۇق ۋولت تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ تۈر تولۇق پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى 3 مىليون 900 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ قېلىنىدىكەن، 11 مىليون 730 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى ئاز قويۇپ بېرىلىدىكەن.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت