شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قىشلىق پەن - تېخنىكا پائالىيىتىدە دىققەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-30 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى پاتىمە ئابلىكىم مۇنداق دېدى: «بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدىكى قىشلىق پەن - تېخنىكا پائالىيىتىدە دىققەت پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىشقا نۇقتىلىق مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرى سەپەرۋەر قىلىنىپ، پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى سۆزلەش قاتارلىق پەن - مەدەنىيەت تارقىتىش پائالىيەتلىرى پائال قانات يايدۇرۇلۇپ، يېزىلاردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى تىرىشىپ كۈچەيتىلىپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماھارىتى ئۆستۈرۈلىدۇ».

11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى 2024 − 2023 - يىللىق قىشلىق پەن - تېخنىكا پائالىيىتىنى باشلاش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقاتتى. بۇ پائالىيەتتە ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەت (جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى)لەرنىڭ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش ھەرىكىتى ۋە ساغلاملىق بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى نۇقتىلىق قانات يايدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش ھەرىكىتى ئاساسلىقى كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كەسىپلەر ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتا ئاشلىق - ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە - كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، پەن - تېخنىكا ھويلىسى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇتەخەسسىسلەر تەشكىللىنىپ ئىلغار، ئەمەلىي قوللىنىلىدىغان پەن - تېخنىكا كېڭەيتىلىدۇ. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتا ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى ئىلمىي جەمئىيەت (جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى)لەر ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان ساھەلەردىكى ئالاقىدار تېخنىكا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ، قاراتمىلىقى بولغان تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق دېھقان - چارۋىچىلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، يېزىلاردىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

پاتىمە ئابلىكىم مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيەتلىرىنى ئۆز جايىدىكى دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەن - تېخنىكا ئېھتىياجىنى دەل جايىدا رەتلەپ چىقىشقا تەشكىللەيدۇ ھەم ھەر دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەت (جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى)لەرنى مۇتەخەسسىسلەر كۈچى تەشكىللەشكە سەپەرۋەر قىلىپ، قاراتمىلىققا ئىگە پەن - تېخنىكا مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىشتىكى ئارسال ۋاقىتنى قىشتىكى ئالدىراش ۋاقىتقا ئايلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش بىلەن بىللە، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.

جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، قىشلىق پەن - تېخنىكا پائالىيىتىدە يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىدىكى ئىلمىي جەمئىيەت(جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى)لەر بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايەتلىرىگە يۈزلىنىپ قانات يايدۇرغان پائالىيەتلەردىن ئەلالىرى تاللىنىپ خىراجەت ياردىمى بېرىلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت