شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-30 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى»نىڭ يەشمىسى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى) ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 6 - يىغىنىدا يېقىندا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى، 2024 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى كىم نازارەت قىلىدۇ؟ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى نېمە؟ نازارەت قىلىش نەتىجىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟ 11 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى «نىزام»نى يېشىپ چۈشەندۈردى.

مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى كىم نازارەت قىلىدۇ؟

مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى كۈچلۈك تۇتقا بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى داۋامىدىكى قانۇنغا خىلاپ ياكى نامۇۋاپىق مەمۇرىي قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بۇنىڭ ئۈچۈن مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىلەن باشقا نازارەتچىلىك ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چىن.

«نىزام»دا مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ئۇقۇمىغا قارىتا دائىرە بەلگىلەندى، بۇ نىزامدا تىلغا ئېلىنغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش − يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۆۋەن دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزىگە قاراشلىق خىزمەت تارماقلىرى(بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ، يۇقىرى دەرىجىلىك خىزمەت تارمىقى تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەت تارمىقىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى نازارەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

نازارەت قىلىش ئاساسىي گەۋدىسى جەھەتتە، «نىزام»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى ئىچىدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، ئەدلىيە مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش كونكرېت خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە قاراشلىق خىزمەت تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئاپپاراتلىرى ئۆز سىستېمىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش كونكرېت خىزمەتلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ تىك لىنىيەلىك باشقۇرۇشنى يولغا قويغان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى ئورگىنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل ئورگان ۋە تۇرۇشلۇق جايدىكى تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى نازارەتچىلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىدىن، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىكنى نازارەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

«<نىزام>دا يەنە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ نازارەت قىلىش گەۋدىلەندۈرۈلدى.» جوۋ چىن مۇنداق بىلدۈردى: «نىزام»دا پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ يېتەكچىلىك ئورنى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش بەلگىلەندى؛ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارەتچىلىكى تەكىتلىنىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى خىزمىتىدە تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىشىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىش، جەمئىيەت قاتارلىق تەرەپلەرنىڭ نازارەت قىلىشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش بەلگىلەندى؛ ھەم مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش، رېۋىزىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش ۋە مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق نازارەت قىلىش پائالىيەتلىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزام ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى

مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ مەزمۇنى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنىڭ يادروسى، بۇ ھەقتە جوۋ چىن مۇنداق دېدى: «نىزام»دا ئومۇملاشتۇرۇش، تۈرگە ئايرىش ۋە مۇھىم نۇقتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەپسىلىي بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

بىرىنچى، ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ئاساسلىقى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىدىكى مۇھىم تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش ئەھۋالى ھەم قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشقا تېگىشلىك باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىككىنچى، مىسال كۆرسىتىش خاراكتېرلىك بەلگىلىمە، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۈچ تۈرلۈك ئەھۋالنى نازارەت قىلىشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى بىر - بىرلەپ تۈرگە ئايرىپ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. ئۈچىنچى، نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە قاراشلىق خىزمەت تارماقلىرىنىڭ نۇقتىلىق نازارەت قىلىش مەزمۇنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، نازارەت قىلىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقى كۈچەيتىلدى.

جوۋ چىن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇشنىڭ كاپالىتى. بۇ ھەقتە، «نىزام»دا تۆت جەھەتتىن بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

بىرىنچى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى ئورگان بىر گەۋدىلەشكەن سۇپىغا تايىنىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قىلمىشىنى توردا ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش، ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش - تەكشۈرۈپ باھالاش، ئۈنۈمگە باھا بېرىش، مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئىككىنچى، بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق پىلانغا كىرگۈزۈشى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەدلىيە مەمۇرىي تارمىقى يىللىق مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش خىزمىتى لايىھەسىنى تۈزۈشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئۈچىنچى، نازارەت قىلىش شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى ئورگان مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىغا باھا بېرىش، باھالاش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى دېلو ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق كۈندىلىك نازارەت قىلىش بىلەن مەخسۇس تۈر بويىچە نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش شەكلىنى قوللىنىشى كېرەك، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىش، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ باھالىشىغا ھاۋالە قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرسا بولىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

تۆتىنچى، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، نازارەت قىلىنغۇچى ئورگاننىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاش؛ مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى دېلو ماتېرىيالى ياكى مۇناسىۋەتلىك يازما، ئۈن - سىن ماتېرىيالى، ئېلېكتىرونلۇق سانلىق مەلۇمات ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، كۆپەيتىش، ئېلىش قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك نازارەت قىلىش تەدبىرى تۈرگە ئايرىش شەكلىدە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

نازارەت قىلىش نەتىجىسى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

نازارەت قىلىش نەتىجىسىنى بىر تەرەپ قىلىش نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ ۋاقتىدا تۈزىتىلگەن - تۈزىتىلمىگەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم. جوۋ چىن مۇنداق تونۇشتۇردى: «نىزام»دا قاتلاممۇقاتلام تەدرىجىي ئىلگىرىلەش شەكلى ئارقىلىق بەش جەھەتتىن نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، قاتتىق چەكلىمە چىڭىتىلدى.

بىرىنچى، مەسىلىلەر ئېنىق كۆرسىتىلىپ، تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ. «نىزام»دا نازارەت قىلىنغۇچى ئورگاننىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قوشۇنىنى باشقۇرۇشى، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى كىنىشكىسىنى باشقۇرۇشى قېلىپلاشماسلىق قاتارلىق يەتتە خىل ئەھۋالغا قارىتا، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى ئورگان «مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش پىكىرنامىسى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ، نازارەت قىلىنغۇچى ئورگاننى سۈرۈك ئىچىدە ئۆز ئالدىغا تۈزىتىشكە بۇيرۇشى كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئىككىنچى، تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋاقىت چېكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. «نىزام»دا: نازارەت قىلىنغۇچى ئورگان «مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش پىكىرنامىسى»نى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى ئورگانغا تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى يازما دوكلات قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

ئۈچىنچى، نازارەت قىلىشنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. «نىزام»دا: نازارەت قىلىنغۇچى ئورگان سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەن بولسا، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى ئورگان مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش قىلمىشىنىڭ خاراكتېرى، دەرىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، «مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش قارارنامىسى»نى تۈزۈپ تارقىتىپ ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈزۈپ تارقىتىشىغا يوللاپ، نازارەت قىلىنغۇچى ئورگاننى مۆھلەت ئىچىدە قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا، مەمۇرىي قىلمىشىنى قايتا بېكىتىشكە ياكى مەمۇرىي قىلمىشىنى بىكار قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، دەپ بەلگىلەندى.

تۆتىنچى، نازارەت قىلىش نەتىجىسىنى تەتبىقلاش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. «نىزام»دا: مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش نەتىجىسىنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، نازارەت قىلىنغۇچى ئورگاننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا ئۈلگە كۆرسىتىپ بەرپا قىلىشى، نازارەت قىلىنغۇچى ئورگاندىكى ئاساسلىق مەسئۇل كىشىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىققا تارتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىش كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

بەشىنچى، قاتتىق چەكلىمە كۈچەيتىلدى. «نىزام»دا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق ياكى توغرا ئادا قىلماسلىق، قوپاللىق، قاراملىق قىلىش قاتارلىق قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەدەنىي بولماي ناچار تەسىر پەيدا قىلىش قاتارلىق يەتتە خىل ئەھۋالغا قارىتا، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچى ئورگان بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكار خادىملارنىڭ قىلمىشىغا قارىتا ئۇلارغا تەنقىد - تەربىيە بېرىش، يازما تەكشۈرۈش يېزىشقا بۇيرۇش، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى كىنىشكىسىنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

قانداق قىلغاندا «نىزام»نى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ؟

ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى جۇاڭ شۇجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار» ۋە قانۇن ئىجراسى قوشۇنى چىڭ تۇتۇلۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش يانداش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى باھالاش كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى مۇھاكىمە قىلىنىپ، نازارەت قىلىش يوللىرى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، جەمئىيەتتىكى ئامما قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشقا يېتەكلىنىدۇ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش ئالاقە نۇقتىسى ۋە قانۇن ئىجراسى نازارەتچىسى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئىجراسى خىزمىتىگە بولغان ئىلتىماس - تەلىپىگە كۆڭۈل قويۇپ قۇلاق سېلىنىدۇ، يەنە خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋەكىللىرى قاتارلىقلار نازارەت قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئايشەم يۇنۇس مۇنداق بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق «نىزام»نى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ ۋە ئىزاھلاپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «نىزام»نىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر چۈشىنىشى ۋە ئىگىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ؛ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى دەل ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق ئادا قىلىشى، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىدۇ؛ خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى قانۇن - نىزام بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى «نىزام»نى ئىگىلەپ، چۈشىنىپ ۋە تەتبىقلاپ، خەلققە ۋاكالىتەن نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى ياخشى يۈرگۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت