شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىش جەريانىدا «بىر تۈردىكى مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا يۈرۈشلۈك مۇلاھىزە (25)

□شىن شىجيەن

ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلققە بەخت يارىتىش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم نىشان - ۋەزىپە. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرى دىققەتنى ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، تىپىك دېلو مىساللىرىدىن پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىش» جەريانىدا كىچىك ئىشلاردىن چوڭ ئىشلارنى كۆرۈپ مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ مەسىلىنى تەھلىل قىلىپ، بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، «بىر مەسىلىنى ئانالىز قىلىش» ئارقىلىق «بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش»قا تۈرتكە بولۇشتەك ياخشى ئۈنۈمگە يېتىشكە تىرىشتى.

«بىر مەسىلىنى ئانالىز قىلىش»تىن «بىر تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش»قىچە، «مەلۇم نۇقتا»غا دىققەت قىلىشتىن «پۈتكۈل دائىرە»نى بىر تەرەپ قىلىشقىچە، بۇ، مىليونلىغان ئاممىنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىدىن قاتناش، سەھىيەگىچە، پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتىن داۋالىنىش كاپالىتىغىچە، 1 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى ئاساسىي قاتلام ۋە ئاممىغا بىۋاسىتە يۈزلەنگەن بولۇپ، ئامما بىلەن بولغان باغلىنىشى تېخىمۇ بىۋاسىتە، تېخىمۇ زىچ بولۇپ، ھەل قىلىشقا تېگىشلىك زىددىيەت، مەسىلىلەر تېخىمۇ مۇرەككەپ، تېخىمۇ كونكرېت. پەقەت بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىپ، مەسىلىلەرگە قارىتا ئوخشاش تۈرلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەسىلىلەرگە قارىتا تېگى - تەكتىنى ئېنىقلاپ مەنبەدىن تەكشۈرۈش قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، «بىر تۈردىكى مەسىلىلەر»نى ھەل قىلىشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچىگەندىلا، ئاندىن ھادىسىدىن تۈزەشتىن ماھىيەتتىن تۈزەشكە يۈزلەنگىلى بولىدۇ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ جەمئىيەتكە مەنپەئەت يەتكۈزۈش دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ.

كىچىك ھالەتتىن ئومۇمىيەتنى بىلگىلى بولىدۇ، «بىر تۈردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش»نىڭ ئاساسى «بىر مەسىلىنى ئانالىز قىلىش»تا. ئەگەر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا، بولۇپمۇ «قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىش»قا ياخشى كۈچ سەرپ قىلىنمىسا، «بىر تۈردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش»تا «قىيىنچىلىق زور بولۇپ، قەيەردىن قول سېلىشنى بىلەلمەسلىك»تىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. نۇقتىدىن باشلاپ قول سېلىپ، باغلىنىش نۇقتىئىنەزەرىدىن پايدىلىنىپ سىستېمىلىق رەتلىگەندىلا، ھادىسىدىن ئۆتۈپ شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن ۋەزىيەت ئەھمىيىتىگە ئىگە يەكۈن چىقىرىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا چارىسىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ، رەھبىرىي كادىرلاردىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يېزا، مەھەللە، كارخانا، دوختۇرخانا، مەكتەپ، ئىككى يېڭى تەشكىلات قاتارلىق ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ھەل قىلىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلار ئۈستىدە تومۇر تۇتۇپ كېسەل كۆرۈپ، ئانالىز قىلىپ، تەھلىل قىلىپ، نۇقتىدا مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئارقىلىق دائىرىنى ئۇزارتىش، كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

تۈزۈم مەسىلىسى ئۇللۇق خاراكتېرگە، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرىگە، مۇقىملىق خاراكتېرىگە ۋە ئۇزاق مەزگىللىك خاراكتېرگە ئىگە. «بىر تۈردىكى مەسىلە»نى ھەل قىلىشتا، ئىسلاھات روھى، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، مەسىلە يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ تەلىپى، ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ئەمەلىي ئېھتىياج، يېڭى تەجرىبىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان تۈزۈم سىستېمىسىنى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش ئۈچۈن، كەلپىن ناھىيەسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ تۈزدى؛ «ھاجەتخانا قىس بولۇش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى سودا ئارقىلىق ھاجەتخانىلارنى بېقىش ھەمكارلىق مۇلازىمىتى تۈرىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى؛ ئاممىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، خوتەن ناھىيەسىنىڭ باغچى بازىرى ئانار دانىسى مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، «ئەرز - تەلەپنى قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» خىزمەت مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى... تەكرار كۆرۈلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، «دەرھال تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ يوچۇقلارنى ئېتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزۈم قەپىسىنى پۇختا، زىچ توقۇپ، «بىر يۈرۈش تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۈردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىدىيەۋى قاراش جەھەتتە يېڭى نەزەر دائىرە ئېچىپ، سىياسەت - تەدبىر جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمى جەھەتتە يېڭى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئىلمىيلىكى، ئالدىن كۆرەرلىكى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغاندا، بىز «بىر ئىش»نى ھەل قىلىشتىن «بىر تۈردىكى ئىش»نى ياخشى بېجىرىشكە يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرالايمىز.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت