شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئۇچقاندەك ئىلگىرلەش يولى . سەپەر جەريانىدا ئاڭلىغانلىرىمىز | ياشلار ئولىمپىك كەنتىدىكى جۇڭگو سۈرئىتىگە نەزەر
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-28 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى كەڭ كۆلەمدىكى زامانىۋىلىققا ئىگە ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر تىبىلىس خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىغا ماكانلاشتى. بۇ جاي كۆلگە يانداش بولۇپ، كەينى تەرىپىدە يېشىل تاغ بار. تەبىئىي كۆل مەنزىرىسىدىن باشقا، يەنە ئۆي ئىچى گۈللۈكى، مەيدان، فونتان، سۈنئىي كۆل، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونى ۋە تەنھەرىكەت مەيدانلىرى بار. 27 ئىمارەتنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ سىرتقى تىك يۈزى ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە خاسلىققا ئىگە بىناكارلىق ئامىللىرى بىلەن تولغان.


9-ئاينىڭ 22-كۈنى، تىبىلىس شەھىرى ياشلار ئولىمپىك كەنتىدىكى تاڭ نۇرىغا چۆمۈلگەن خۇالىڭ پافرېنس مېھمانسارىيى.

مۇخبىر ليۇ دۇڭلەي فوتوسى

    «ياشلار ئولىمپىك كەنتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىزنىڭ گىرۇزىيەنى خەلقئارانىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى» دېدى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ خۇالىڭ سانائەت-سودا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى گىرۇزىيە باش شىركىتى قۇرۇلۇش بۆلۈمىنىڭ ئىنژېنېرى تيېمۇلى . چاخالاشىۋېيلى. «بۇ ھۆرمەتكە شىنجاڭ خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ ياردىمىدە سازاۋەر بولدۇق».
   2010-يىلى، گىرۇزىيە 13-نۆۋەتلىك (2015-يىللىق) ياۋروپا ياشلار يازلىق ئولىمپىك بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ھالبۇكى، شۇ جايدىكى خەلق خۇشاللىققا چۆمگەندە، ھۆكۈمەت قاتتىق تەشۋىشلەنگەنىدى. بۇ كاتتا يىغىلىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۆلىمى زور ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرىنى ھازىرلاشقا توغرا كېلەتتى. ئەينى چاغدىكى گىرۇزىيەنىڭ بۇ جەھەتتە ئىقتىدارى كەمچىل ئىدى.

    2007-يىلىلا گىرۇزىيەگە كىرگەن خۇالىڭ گۇرۇھى كۆپ يىللىق قانۇنلۇق تىجارىتى، سەمىمىي بولۇپ، لەۋزىدە تۇرىدىغانلىقى بىلەن گىرۇزىيەدە ياخشى ئالقىشقا ئېرىشكەنىدى. 2012-يىلى، شۇ جاي ھۆكۈمىتى خۇالىڭ گۇرۇھىنى ئىزدەپ، ياۋروپا ياشلار يازلىق ئولىمپىك بايرىمى ياشلار ئولىمپىك كەنتى قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان-ئالالمايدىغانلىقىنى سورىدى. بۇ، خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە، 5000دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ۋە تىرېنېر ئۈچۈن ياشلار ئولىمپىك كەنتى قۇرۇپ بېرىش، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئۇل ئەسلىھە ھەمدە يېقىشلىق، ساغلام ۋە بىخەتەر مۇھىت بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرەتتى.

    ئەينى چاغدىكى خۇالىڭ گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇ ئىشقا قارىتا نۇرغۇن ئەندىشىلەر بولدى. ۋاقىت بەك قىس، ۋەزىپە بەك ئېغىر ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، خۇالىڭ گۇرۇھى قۇرۇلۇشنى ئۈستىگە ئالسىلا، جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلاتتى. «شۇ جايدىكى خەلق بۇنى خۇالىڭ گۇرۇھى قۇرغان دېمەي، پەقەت جۇڭگو شىركىتى قۇرغان دەيتتى، بۇ ئادەتتىكى بېسىم ئەمەس ئىدى.» شۇ چاغدىكى خۇالىڭ گۇرۇھى گىرۇزىيە باش شىركىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولغان ۋاڭ شېڭشىن ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «لېكىن باش مۇدىر مى ئېنخۇا بۇ، بىر دۆلەتنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچى، بىز قىلىشىمىز كېرەك دېدى».

    لەۋزە قىلىش بىلەن تەڭلا خۇالىڭ گۇرۇھى شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ روشەن ئىجرا قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى. ۋاڭ شېڭشىن كوللېكتىپنى باشلاپ كېچە-كۈندۈز دېمەي ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ئەينى چاغدا بۇ بىر پارچە قاقاس يەر ئىدى، مەن يەر پاسىلىنى تەكشۈرۈۋاتقاندا، بىردىنلا ئون نەچچە لالما ئىت ئېتىلىپ چىقتى، چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى.» ياشلار ئولىمپىك كەنتىنى قۇرغاندىكى ھەربىر كىچىك تەپسىلات ۋاڭ شېڭشىننىڭ ھېلىھەم ئېسىدە ئىدى.

     ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇنى ئوخشىمايدۇ، مەدەنىيىتى ئوخشىمايدۇ، باشقا دۆلەتتە قۇرۇلۇش قىلغاندا، قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدىغان گەپ. ئاھالىلەر ئەرز-شىكايەت قىلدى؛ شۇ جايدىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىنىڭ ئىش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇپ، قۇرۇلۇش ئىلگىرى سۈرۈلمىدى؛ تىل ئوخشاش بولمىغاچقا، قۇرۇلۇش جەريانىدا ئاھالىلەر ۋە ھۆكۈمەت بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قىيىنچىلىق ھەر ۋاقىت مەۋجۇت بولدى. «ھەر كۈنى قىيىنچىلىق بار، راست دېدىم، ھەر كۈنى شۇنداق!» ۋاڭ شېڭشىن مۇنداق دېدى: «لېكىن ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمىز دەيدىكەنمىز قىيىنچىلىق بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە ئويلىنىشىمىز كېرەك».


9-ئاينىڭ 22-كۈنى، تىبىلىس شەھىرى ياشلار ئولىمپىك كەنتىدىن بىر كۆرۈنۈش.

مۇخبىر ليۇ دۇڭلەي فوتوسى

    ئۈچ يىل ۋاقىتتا، ئۇقۇشماسلىق ۋە خاتا چۈشەنچىلەر ئاستا-ئاستا تۈگەپ، ئىشەنچ ۋە ئالقىشلار پۇختا تۇرغۇزۇلدى. ۋاڭ شېڭشىن كەينىدىكى ياشلار ئولىمپىك كەنتى سۇ ئۈزۈش سارىيىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، مۇنداق بىر تەپسىلاتنى سۆزلەپ بەردى. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى پۈتكەندىن كېيىن، تۇيۇقسىز سۇنىڭ ئېقىپ قالغانلىقى بايقالدى. خۇالىڭ گۇرۇھى ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلنى قوللىنىپ، كۆلچەكنىڭ ئاستىنى چېقىپ قايتا ياسىدى. بۇ تەدبىر شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنى ئالاقزادە قىلىۋەتتى. «ئەينى چاغدا شەھەر باشلىقى بۇنداق بولغاندا قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولمايدۇ، ئۇلار بۇنىڭ ئورنىغا باشقا لايىھە ئىشلەتسۇن دېدى. ئەمما بىز بىر ھەپتىدىلا سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا قايتا ياساپ چىقتۇق.» ۋاڭ شېڭشىن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ياشلار ئولىمپىك كەنتىنىڭ قۇرۇلۇشى گىرۇزىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ‹جۇڭگو سۈرئىتى›نى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى».

    تىرىشچانلىق بارلىق خادىملارغا مەنسۇپ. خۇالىڭ ياشلار ئولىمپىك كەنتى تۈرىنىڭ ئىنژېنېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تيېمۇلى قۇرۇلۇش ئورنى، شەھەر مەمۇرىيىتى بىناسى ھەمدە سۇ، توك، تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان ھەرقايسى شىركەتلەر ئارىسىدا قاتراپ يۈردى. «ھازىرمۇ ئۇلار مېنى كۆرسىلا كۈلۈپ تۇرۇپ ‹گىرۇزىيەدىكى جۇڭگولۇق› كەلدى دەيدۇ!» تيېمۇلى مۇنداق دېدى: «خۇالىڭ شىركىتى كېلىشتىن بۇرۇن، بىزنىڭ جۇڭگولۇقلار بىلەن ھېچقانداق ئالاقىمىز يوق ئىدى. بۇ يىللاردا مەن ياشلار ئولىمپىك كەنتىدىكى ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، پەقەت جۇڭگو شىركىتىلا مۇشۇنداق مۆجىزە يارىتالايدۇ، بىز گىرۇزىيەلىكلەر مۇشۇنداق ئەمگەكچان مىللەتنى ياخشى كۆرىمىز. مېنىڭ گەرچە نۇرغۇن جۇڭگولۇق دوستۇم بولسىمۇ، لېكىن مەن تېخى جۇڭگوغا بېرىپ باقمىدىم، ئەگەر پۇرسەت بولسا جۇڭگوغا بېرىپ سەددىچىن سېپىلىنى كۆرۈپ باققۇم بار».

    تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى، جۇڭگو شىركىتىنىڭ ئەتراپلىق پىلانلىشى بىلەن، ياشلار ئولىمپىك كەنتى نۇرغۇن دۆلەتتىكى مەيدان-سارايلارنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن «خارابىلىك»كە ئايلىنىپ قېلىشتەك تەقدىرىدىن قۇتۇلۇپ قالدى. 2015-يىلى ياۋروپا ياشلار يازلىق ئولىمپىك بايرىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياشلار ئولىمپىك كەنتى يەنىلا گۈللەپ ياشناش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، تىبىلىس خەلقئارا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى. «بۇ يەردىكى ئوتتۇرا ئوق سىزىقى تىبىلىستىكى توردا ئالقىشلانغان جاي بولۇپ قالدى، ھالبۇكى، چەت ئەللىك مېھمانلار كەلسىلا، ئالاھىدە رايون بىلەن ياشلار ئولىمپىك كەنتى مۇقەررەر ھالدا گىرۇزىيەنىڭ دۆلەت قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان جايىغا ئايلاندى» دېدى ۋاڭ شېڭشىن.



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت