شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۆزبېكىستاننىڭ قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

زۇمرەت ئوبۇل كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتى ئالىي پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئولېنبايېف باشچىلىقىدىكى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قاراقالپاقىستاننىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئولېنبايېف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولغانلىقىنى قارشى ئالدى. ما شىڭرۇي مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3 ـ ئايدا مەن ئۆمەك باشلاپ ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۆزبېكىستان تەرەپتىكى ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. رەئىس ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم ئۆمەك باشلاپ جۇڭگو شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇشى مۇقەررەر ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يېڭى بوشلۇق ئېچىپ بېرىدۇ. ھازىر، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختىلاندى، جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستاننىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى. بىز رەئىس شى جىنپىڭنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرى بويىچە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى كۆزلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلدۇق. يېقىندا جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى رەسمىي تەستىقلىنىپ قۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىزغا زور تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بۇ يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان ئالاقىسى ئىنتايىن قويۇقلاشتى، ھەمكارلىقى كۈنسېرى زىچ بولدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق ئىستىقبالى پارلاق، چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپ يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئولېنبايېف جۇڭگو شىنجاڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، ئۆزبېكىستان قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئۆزبېكىستاننىڭ خەلقئارا ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن پۇرسەت ئىشىكى ئېچىپ بەردى. جۇڭگو ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمكارلىق ھەمراھى. تاشقى ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتىنى كېڭەيتىش قاراقالپاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى يېتىلدۈرۈشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىز ھازىر ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاۋاتىمىز، جۇڭگو شىنجاڭدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا، ئىككى تەرەپنىڭ يېشىل ئېنېرگىيە، كانچىلىق، دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك، ئالىي مائارىپ، تېببىي پەنلەر، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلىمىز.

چېن ۋېيجۈن، سۈن خۇڭمېي، ليۇ جيەنمىڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار پەن تەتقىقات يۇرتى ـ ئورۇنلىرى ۋە كارخانىلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت