شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8 ـ گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئەركىن تۇنىياز دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، دېڭ شياۋگاڭ سۆز قىلدى، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: گوۋۇيۈەننىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، 11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنىگىچە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 8 ـ گۇرۇپپىسى شىنجاڭدا باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ. 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش بويىچە دوكلات بېرىش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز دوكلات بېرىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 8 ـ گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دېڭ شياۋگاڭ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە ـ ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتى ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

دېڭ شياۋگاڭ بۇ قېتىمقى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەلىپىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇش كېرەك. بۇ قېتىمقى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم تەشكىللەپ يولغا قويۇلدى، شۇنداقلا تۇنجى قېتىم شۇ جايدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى سىياسىي نەتىجىسىنى باھالاش بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلدى. باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتىدە دىققەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، مۇھىم مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا خىزمەتلەرنى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، دوكلات ئاڭلاش، ماتېرىيال كۆرۈش، ئايرىم سۆزلىشىش، زىيارەت قىلىش ـ سۈرۈشتۈرۈش، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئۇنىۋېرسال قوللىنىلىپ، باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي قانات يايدۇرۇلىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بۇ قېتىمقى باھالاشنى ئەينەك قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئېغىر بىخەتەرلىك خەۋپ ـ خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە كۈچەپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسە يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى توسۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى بىخەتەرلىك مۇھىتى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەركىن تۇنىياز مۇنداق بىلدۈردى: بىز بۇ قېتىمقى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، بۇ قېتىمقى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ۋە قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى تۈرلۈك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ھادىسىلىرىدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر، ئاجىز ھالقىلارنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، تۈزىتىپ، ھەقىقىي تۈردە باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك تەلەپلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پائال ئالاقىلىشىپ ۋە جىپسىلاشتۇرۇپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق قانات يايدۇرۇلۇشى، تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مەسىلىلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى كۆرسىتىپ بەرگەن مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىپ، تۈرگە ئايرىپ رەتلەپ، ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇپ، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ بېجىرىپ، بارلىق مەسىلىلەرنى ئۆلچەم بويىچە جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىمىز.

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 8 ـ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەردان مۇقىيىت، ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ئەزا ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

كىرىپ ئورۇنلاشقان مەزگىلدە، پاش قىلىش تېلېفونى، ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ۋە توردا پاش قىلىش تەسىس قىلىنىپ، ئاساسلىقى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئېغىر مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپى توغرىسىدىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاس قوبۇل قىلىنىدۇ. پاش قىلىش تېلېفونى: 5093123 ـ 0991، ،18999902761 ؛18119188706 ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانما ئادرېسى: wycm001@yjgl.xinjiang.gov.cn؛ پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى خۇجوۋ يولى 1799 ـ نومۇر 706 ـ ئىشخانا ـ گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئوت مۇداپىئە خىزمىتىنى باھالاش، سەييارە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا تېگىدۇ (پوچتا نومۇرى: 830000).

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت