شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ مالىيەسى 21 مىليارد 100 مىليون يۈەن جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-23 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىلدى

ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭ مالىيەسى 21 مىليارد 100 مىليون يۈەن جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇردى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئون ئايدا، شىنجاڭ مالىيەسى جەمئىي 21 مىليارد 124 مىليون يۈەن جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، 93 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشىغا مەدەت بەرگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ ياجۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش ۋەزىپە ـ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز مالىيەسى دىققەتنى «تۆۋەن چەكنى ساقلاش، تەرەققىياتنى تۇتۇش، گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى تۈپ تەلەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق كىشىلەر توپى، نۇقتىلىق مەزمۇننى گەۋدىلەندۈرۈپ، مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال مەبلەغ توپلاپ، جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆتكۈنچى مەزگىلدە مالىيە جەھەتتىن قوللاش سىياسىتىنىڭ ئومۇمەن مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى ئاساسلىقى قايتا نامراتلىشىپ كېتىش، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە ياريۆلەك بولۇش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى داۋاملىق يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، رايونلارنىڭ خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى قوللاش، يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ۋە كىچىك تىپتىكى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىكى تولۇقلاش زۆرۈر بولغان كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرگە ئىشلىتىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغىدە يەنە دىققەت يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئاشلىق، ياغ، پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، يېشىل ئورگانىك مېۋە ـ كۆكتات، ئەلا سۈپەتلىك چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار تۆت چوڭ كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسنى ئالغا سىلجىتىپ يولغا قويۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنغان.

ۋاڭ ياجۈن مۇنداق بىلدۈردى: جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، جىپسىلاشتۇرۇش مەبلىغى بىۋاسىتە چۈشۈرۈلىدىغان مەبلەغ سۈپىتىدە، ناھىيە دەرىجىلىككە بىۋاسىتە چۈشۈرۈلۈپ، ناھىيە دەرىجىلىكنىڭ ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى چىڭىتىلىپ، مەبلەغ باشقۇرۇش چارىسى ۋە يېتەكچى پىكىردە بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش ئورنىغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ، ئىشلىتىش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىۋېتىشكە بولمايدۇ. ھەردەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى يەنە مەبلەغ چىقىم قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئارقىلىق، ساھە مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەبلەغ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىدۇ.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت