شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
2023-يىللىق مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئۇسسۇللۇق تىياتىر تەكلىپلىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-21 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى




11-ئاينىڭ 1-كۈنى، باشلىنىش ئويۇنى بولغان ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مۈشۈكئېيىق» چېڭدۇ شەھەر مۇزىكا زالىدا ئورۇنلاندى.

  شۇ كۈنى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىدارىسى، جۇڭگو ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان 2023-يىللىق مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئۇسسۇللۇق تىياتىر تەكلىپلىك ئويۇن قويۇش پائالىيىتى چېڭدۇدا باشلاندى. ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگەن مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى بويىچە «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتى، ۋېنخۇا مۇكاپاتى ۋە جۇڭگو ئۇسسۇلى «نېلۇپەر مۇكاپاتى» ئۇسسۇللۇق تىياتىر مۇكاپاتى، شۇنداقلا يېقىنقى ئىككى يىلدا يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان 10 مۇنەۋۋەر ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئەسىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 24 مەيدان ئوينىلىدۇ. ئويۇنغا قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەردىن «بايراق» «قىزىل ئاياللار قوشۇنى» «مۇتلەق سىناق» قاتارلىق بىر تۈركۈم قىزىل ئىنقىلاب تېمىسىدىكى ئەسەرلەر، يەنە «مۈشۈكئېيىق» «شەرقتىكى چوڭ پورت» ۋە «ئەجدىھا شەكىللىك قولۋاق» قاتارلىق بىر تۈركۈم رېئال تېمىدىكى نادىر ئەسەرلەرمۇ بار. ئويۇن قويۇش پائالىيىتى مەزگىلىدە، يەنە مەملىكەتلىك ئۇسسۇللۇق تىياتىر ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى، داڭلىقلار لېكسىيەسى، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، مۇنەۋۋەر ئارتىسلارنى تونۇشتۇرۇش، ئۆمەك(مەكتەپ)لەرنىڭ ئىجادىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر تەشكىللىنىدۇ. ئويۇن قويۇش پائالىيىتى 2024-يىلى 4-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جياڭ خۇڭجىڭ فوتوسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت