شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-20 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جاڭ چۇنلىن ئۈرۈمچىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 17 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مالىيە - ئىقتىساد ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ چۇنلىن ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيە - مۇھىت نازارىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ۋە مىدۇڭ رايونى، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى گۇرۇھى يېڭى ئېنېرگىيە مۇلازىمەت مەركىزىگە ۋە ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(سانائەت رايونى)دىكى ئالاقىدار كارخانىلارغا بېرىپ، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، مەخسۇس تېمىلىق يىغىن ئېچىپ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ماس ئالغا سىلجىتتى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، كارخانىلار شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، نۇقتىلىق تۈزەش ۋەزىپىسى ۋە «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت» تەدبىرىنى ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

جاڭ چۇنلىن مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دىققەتنى سانائەت كارخانىلىرى، پارچە كۆمۈر ئىشلەتكۈچىلەر، قاتناش - تىرانسپورت ساھەسى قاتارلىق بۇلغىما مەنبەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، رايون ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدارىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، ئازايتىپ، رايون ھاۋا سۈپىتىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دەل جايىدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، رايونلارغا ئايرىپ تۈزەپ، سانائەت كارخانىلىرى، تىرانسپورت كارخانىلىرىنى «بىر كارخانىغا بىر سىياسەت» بويىچە تۈزەشنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق كارخانىلارغا، نۇقتىلىق بۇلغىمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىپ، باتارېيە ئالماشتۇرىدىغان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلىتىشنى دېزىل ئاپتوموبىلى ئارقىلىق توشۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتىكى يوشۇرۇن كۈچنى چوڭقۇر قېزىش كېرەك. ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھاۋا سۈپىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش، كۆزىتىپ ئۆلچەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئازوت ئوكسىدى، گۈڭگۈرت (Ⅳ) ئوكسىدى، پارلىنىشچان ئورگانىك ماددا، PM2.5 قاتارلىق ئاساسلىق بۇلغىمىلارنى ئازايتىشنى چۆرىدەپ، تىزگىنلەش - ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئالدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈزبېرىش ئېھتىمالى بولغان ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىگە پائال تاقابىل تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ھەمتۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت