شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى باشلىدى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-17 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ 11 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ 1 ـ ئايدىن 10 ـ ئايغىچە بولغان ئىقتىسادىي ئايلىنىشىنى تەھلىل قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش، يادرولۇق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشنى باشلاپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولغان.

ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر خۇ كەيجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىدە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى سىجىل ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، فۇنكسىيە خاراكتېرلىك ئىسلاھات تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، مېخانىزم خاراكتېرلىك ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى بىرىكتۈرۈش، قايتا تەشكىللەش، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، نۇقتىلىق ساھەلەرنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشنى گەۋدىلەندۈرۈش زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپنى كونترول قىلىش، خەۋپسىزلىككە تىرەك بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ رولى ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون «ئاپتونوم رايوننىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقىتىپ، سەككىز چوڭ ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، 122 ماددىلىق ئىسلاھات تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى.

پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە، پەن ـ تېخنىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پەرقلىق باھالاشنى ئالغا سىلجىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆپ مەنبەلەشكەن تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى زورايتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىش بايلىقىنى بىرىكتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار چۆرىدىلىپ ئىسلاھات سالمىقى زورايتىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ئۈزلۈكسىز يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت ئىلكىدىكى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنىڭ سىجىللىقى ياخشى قىممەتتىن ئاشۇرۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچى ئۆستۈرۈلىدۇ.

كەسىپنى كونترول قىلىش جەھەتتە، شىنجاڭنىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى چۆرىدىلىپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇلۇپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقى زورايتىلىپ، كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەر يېتىلدۈرۈلۈپ، زورايتىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ئۈچتىن بەشكىچە 100 مىليارد دەرىجىلىك كەسىپ توپى ۋە بىر تۈركۈم «زەنجىر باشلىقى» كارخانىلىرى تىرىشىپ بەرپا قىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز بەرپا قىلىش داۋامىدا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يادرولۇق فۇنكسىيەسى كۈچەيتىلىدۇ.

خەۋپسىزلىككە تىرەك بولۇش جەھەتتە، دۆلەت كاپىتالىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى ۋە دۆلەت ئىقتىسادى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم كەسىپ، ئاچقۇچلۇق ساھە ۋە نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ھەقىقىي تۈردە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۇھىم بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى قىلىنىدۇ.

دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئېشىپ، نۇقتىلىق ساھە، ئاچقۇچلۇق ھالقىلار ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەڭشىلىپ، دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئومۇمىي فۇنكسىيەسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، ھەر دەرىجىلىكلەرنىڭ دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، كەسىپلەشكەن، سىستېمىلاشقان، قانۇنچىللاشقان نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرىدا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەكچىلىك رولى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى يەنە يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەشكىللىگەن باھالاشتا، شىنجاڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم A دەرىجىلىك بولۇپ باھالاندى ھەم مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت