شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ياش كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-17 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ياش كادىرلار تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چۇنلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن تەكشۈرۈش ئۆمىكىدىكىلەرنى قارشى ئالدى ھەم شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات، مىللەت، دىن، مەدەنىيەتنى قوغداش قاتارلىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو شىنجاڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتۇق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جەمئىيەت ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بەزى كۈچلەر خالىغانچە پىتنە ـ ئىغۋا توقۇپ بوھتان چاپلاپ، شىنجاڭغا قەستەن قارا سۈركىدى، بۇ، پاكىتقا پۈتۈنلەي خىلاپ. ھەرقانداق ھۇجۇم ۋە تۆھمەتنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ. كۆپچىلىك بۇ قېتىم شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مىللەت، دىن، كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چوقۇم ھەقىقىي شىنجاڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئوبيېكتىپ، ئادىل تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. جۇڭگو شىنجاڭ باشتىن ـ ئاخىر ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، بىز ھەرقايسى دۆلەت، ھەر ساھەدىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ زىيارەتتە بولۇشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ كۆپرەك ئايلىنىپ، كۆپرەك كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز سىرتقا ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، مالتا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز.

مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى ئىنتېرناتسىيونالىنىڭ شۇجىسى مارك بېرنىچ قاتارلىق تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەزالىرى جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دوستانە، قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىتى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپتۇ. بۇ قېتىم جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات ئەھۋالى، بولۇپمۇ نامراتلارنى ئازايتىش، مائارىپ، سەھىيە، مىللەت، دىن قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ئىگىلىدۇق. شىنجاڭ ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات، ئىلگىرىلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ، بىز ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق. مالتا ئىشچىلار پارتىيەسى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ مالتادىكى كەسىپ سېلىنمىسى شۇ جايدىكى نۇرغۇن كىشىنى مەنپەئەتلەندۈردى. جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پائال تۈردە مالتا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مالتا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايمىز.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن چېن ۋېيجۈن، تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت