شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تەرەققىيات تېز يولىغا كىردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى تېز تەرەققىي قىلىپ، تۈرگە مەبلەغ سېلىشتىن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىشى قاتارلىق جەھەتلەرگىچە ھەممىسىدە ئىپادىسى ياخشى بولدى. بۇ، شىنجاڭنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» تىرەك قىلىنغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك كونكرېت تەدبىر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ئىسپاتلىدى.

يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇلدى

7 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، بۇرچىن ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 40 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرىدە رەسمىي قۇرۇلۇش باشلاندى. بۇ، شىنجاڭنىڭ «14 ـ بەش يىل»دىكى تۇنجى قۇرۇلۇش باشلىشى تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى تۈرى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇۋاتقان گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى.

بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ ئومۇمىي سېلىنمىسى 11 مىليارد 430 مىليون يۈەن بولۇپ، يۇقىرىقى سۇ ئامبىرى، تۆۋەنكى سۇ ئامبىرى، سۇ يەتكۈزۈپ توك چىقىرىش سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان؛ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 400 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، تۆت دانە سىغىمچانلىقى 350 مىڭ كىلوۋاتلىق تىك ئوقلۇق بىر بوغۇملۇق ئارىلاشما ئېقىملىق قايتما سۇ پومپىسى سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئارقىلىق توك تارقىتىلىدۇ.

نۆۋەتتە، 100دىن ئارتۇق كىشى قۇرۇلۇش ئورنىغا جايلىشىپ، چارلاش ـ لايىھەلەش، مەيدانغا كىرىش يول قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتتى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2029 ـ يىلى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن، لايىھەدىكى يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليارد 750 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، ھەر يىلى شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى ئۈچۈن تەخمىنەن 726 مىڭ 900 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر تېجەپ بېرىپ، كاربون تۆت ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى تەخمىنەن 2 مىليون 186 مىڭ 500 توننا ئازايتىدىكەن.

«بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شامال، يورۇقلۇق قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشى ۋە يۇقىرى نىسبەتتە ئىشلىتىشىگە ئۈنۈملۈك تىرەك بولىدۇ» دېدى شىنخۇا (بۇرچىن) سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش توك تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىڭ.

بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئىستانسىسى شۇ جايدا قۇرۇلىدىغان سۇ ئېلېكتىر، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن يېشىل ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بۇ بازىغا 1:4 كۆلەم بويىچە 5 مىليون 600 مىڭ كىلوۋاتلىق يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسى سەپلىنىدۇ، «15 ـ بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدا سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسى، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يورۇقلۇق ۋولت ھەمدە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بىر گەۋدە قىلىنغان 10 مىليون كىلوۋاتلىق يېشىل ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇپ چىقىش پىلانلاندى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدا 2 ـ كەسىپكە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.2 ئېشىپ، چوڭ تۈرلەرنىڭ تىرەكلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولغان. ئاپتونوم رايون بويىچە شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.3 ھەسسە ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 289.4 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سېلىنمىسىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %102.6 بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.6 ھەسسە ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سېلىنمىسىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %21.3 بولغان؛ يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 4.5 ھەسسە ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون سېلىنمىسىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %81.3 بولغان.

«يېشىل ئېنېرگىيە تۈرى مەبلەغ سېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ بولۇپ قالدى» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ.

يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدا رېكورت يارىتىلدى

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى نۇرغۇن يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ئارقا ـ ئارقىدىن پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سېلىنمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ يەنىمۇ ئەلالىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

7 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، شىنجاڭدىكى يەككە سىغىمچانلىقى ئەڭ چوڭ يورۇقلۇق ۋولت، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشكەن تۈر − يەكەن 800 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت+ 200 مىڭ كىلوۋات \ 800مىڭ كىلوۋات سائەتلىك ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈردە پۈتۈن سىغىمچانلىق بويىچە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى.

شۇ كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى يورۇقلۇق ۋولت كەسىپلەر باغچە رايونىدا، خۇاديەن شىنجاڭ تارباغاتاي ۋە قوبۇقسار 500 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش تۈرىدە تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقىتىلدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، يېڭى ئېنېرگىيەگە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلاردا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى:

يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ يېڭىدىن كۆپەيتىپ تورلاشتۇرۇلغان كۆلىمى غەربىي شىمال بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولدى. شەنشى، گەنسۇ، نىڭشيا، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا يېڭىدىن كۆپەيتىپ تورلاشتۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيە جەمئىي 16 مىليون 410 مىڭ كىلوۋات بولدى، شىنجاڭ غەربىي شىمال ئېلېكتىر تورىنىڭ %43ىنى ئىگىلىدى، يېڭىدىن كۆپەيتىپ تورلاشتۇرۇلغان كۆلەم غەربىي شىمال بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى؛

يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئەڭ تېز بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. شىنجاڭ ئېلېكتىر تورى يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %950كە يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ تېز ئېشىش سۈرئىتىدىن 571 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى؛

يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىدە تارىخىي ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 48 مىليون 857 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى تۇنجى قېتىم %40تىن ئاشتى؛

يېڭى ئېنېرگىيە يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ئەڭ كۆپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. 110 كىلوۋولتلۇق ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى يېڭى ئېنېرگىيە يۈرۈشلەشكەن توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىن 13ى تاماملاندى، بۇ، يېقىنقى ئون يىلدىكى يېڭى ئېنېرگىيە يۈرۈشلەشكەن قۇرۇلۇشىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش نىسبىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ؛

يېڭى ئېنېرگىيە سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولدى. يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ۋە يۈرۈشلەشكەن ئېلېكتىر تورىغا 36 مىليارد 364 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ GDPسىنىڭ 1.85 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۆلچەرلەندى.

دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ـ تىزگىنلەش مەركىزى سۇ ئېلېكتىر ھەم يېڭى ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى لى گوچىڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىركەت كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تەمىنلەش ۋە ئىشلىتىشتىن ئىبارەت «ئىككىنى بىر گەۋدە قىلىش» تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىشتا «قوبۇل قىلالايدىغان بولۇش» «چىقىرالايدىغان بولۇش» «مۇقىم ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

يېڭى ماتېرىياللار توپىنى ئورۇنلاشتۇرۇش تېزلىتىلدى

6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي كەسىپ تۈرى − شىنجاڭ جىڭپىن يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ 12 گىگاۋاتلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى ۋە كىرېمنىي ياپراقچىسى تۈرى (1 ـ قارارلىق) ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بۇ تۈر شىنجاڭنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي تاياقچىسى ۋە يەككە كىرىستاللىق كىرېمنىي ياپراقچىسى ئىشلەپچىقىرىشتىكى بوشلۇقنى تولدۇردى.

تۈرگە جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن 2000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 25 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، يىللىق يارىتىلغان باج كىرىمى تەخمىنەن 1 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ.

بۇ تۈر قاراماي شەھىرى ئورقۇ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسى رايونىغا جايلاشقان. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ كەسىپلەر باغچىسى كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.

6 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، ئورقۇ رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەسىپ زەنجىرى سودىگەر چاقىرىش مەخسۇس مەيدان تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، جەمئىي 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان ئىككى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ تۈرى كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، ئورقۇ كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسىغا ماكانلاشتۇرۇش پىلانلاندى. بۇ ئىككى تۈر ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا 400 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلىدىغان كاربون تالالىق بىرىكمە ماتېرىيال تۈرى ۋە 215 مىليون يۈەنگە يېقىن مەبلەغ سېلىنىپ قۇرۇلىدىغان كىۋارتىس تېگىلچە تۈرى بولۇپ، كېلەر يىلى 9 ـ ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 10 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۆلچەرلەندى.

پىچان سانائەت باغچە رايونى شىنجاڭ (پىچان) كىرېمنىينى ئاساس قىلغان يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر بازىسىدا، بۇ بازىنىڭ سانائەتتە ئىشلىتىدىغان كىرېمنىي ۋە ئورگانىك كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ھازىر يىلىغا 200 مىڭ توننا كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، 400 مىڭ توننا ئورگانىك كىرېمنىي، 400 مىڭ توننا سانائەتتە ئىشلىتىدىغان كىرېمنىي ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق تۈرلەر قۇرۇلۇۋاتىدۇ، يىل ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مەھسۇلات قىممىتى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار ئۆز بايلىق ئەۋزەللىكىنى چۆرىدەپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، ئىلغار جابدۇق ياساش، بىيوتېببىي دورا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى كىرگۈزۈپ، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كېڭەيتىش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ ئىش قىلىپ، كەسىپ توپى شەكىللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلەتتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت