شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى

0.08 سائەت! بۇ، ئالاتاۋ پورتىدا ئېكسپورت ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى.

81% ! بۇ، قورغاس پورتىدىن ئۆتكەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قېتىم سانىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى.

250 مىليارد يۈەندىن ئاشتى! شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىكى تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

بۇ يىل 8 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول> يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك».

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدا، ئاسىيا - ياۋروپا سودا چوڭ يولى كۈنسېرى راۋانلاشتى، پويىز، ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي قاتنىدى، ئەشيا ئوبوروتى، ئىقتىساد - سودا قاتارلىق كەسىپلەر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ سۈرئىتى تېزلىتىلىپ توشۇش مىقدارى ئاشۇرۇلۇپ، تاشقى سودا ئېھتىياجى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىندى

باش قىشتىكى ئالاتاۋ پورتىدا ئۇزاققا سوزۇلغان گۈدۈك ساداسى ئىچىدە، پويىز شوپۇرى گۇەن شىجى ھەيدىگەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى تەدرىجىي سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئالاتاۋ پورتى بېكىتىدىن قازاقىستانغا يۈرۈپ كەتتى.

«سىرتقا توشۇيدىغىنىمىز PVC ماتېرىيالى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىقلار؛ قايتىش سەپىرىمىزدە نۆۋەتچى پويىزدا بۇغداي، يېمەكلىك يېغى، رۇدا قاتارلىقلارنى توشۇيمىز.» گۇەن شىجى مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تىرانسپورت ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشىمۇ بارغانسېرى زىچلاشتى.

«ئالاتاۋ پورتى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز تېزلەشتى. تۆمۈريول پورتىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، چېگرادىن كىرىدىغان مال ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش ئىلگىرىكىدىن تۆت سائەت قىسقاردى.» جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى ئالاتاۋ ۋوگزالى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چيەن مۇنداق تونۇشتۇردى: ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدا «24×7» سائەت ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئايلىنىدىغان بولۇپ، «تېز ئېنىقلىنىدۇ، تېز تەكشۈرۈلىدۇ، تېز ئۆتكۈزۈلىدۇ»، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىلىپ، توشۇش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى.

2011 - يىلى تۇنجى جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتىدا قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى قېتىم سانى 30 مىڭدىن ئاشتى. يىللىق قاتناش مىقدارى 17 قېتىمدىن كۆپىيىپ 6000 قېتىمغا يېقىنلاشتى، شەرقتە 25 ئۆلكىگە، غەربتە 20 نەچچە دۆلەتكە تۇتىشىپ، 110دىن ئارتۇق لىنىيە شەكىللەنگەن بولۇپ، ئاپتوموبىل، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، پاختا يىپ، ياغاچ ماتېرىيالى قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق مال توشۇلدى.

«ئالاتاۋ پورتىدىن ئۆتۈپ ياۋروپاغا بارىدىغان يول يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى توشۇش ئارىلىقى ئەڭ قىسقا، توشۇش ۋاقتى ئەڭ ئاز، توشۇش ھەققى ئەڭ تۆۋەن خەلقئارا سودا چوڭ يولى» دېدى ئالاتاۋ شەھىرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى جياڭلىن.

قورغاس تۆمۈريول پورتى ۋوگزالى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قوماندانلىق مەركىزىدىكى ئېكراندا نۆۋەتچى پويىزنىڭ يۈرۈش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ھەر ۋاقىت كۆرسىتىلىپ تۇراتتى، خىزمەتچى خادىملار نۆۋەتچى پويىزنىڭ توختاش، ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ھەمدە يۈرۈش قاتارلىق تەرتىپلىرىنى تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى. قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ رۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پورتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، قورغاس تۆمۈريول پورتى 570 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، رېلىسلىق لىنىيەنى كۆپەيتىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى قىسقارتتى.

«<تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش>نى <تېز كۇنۇپكا> قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاددىيلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن يۇقىرى ئۈنۈمدە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدۇق.» قورغاس تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى چېن پېڭدې مۇنداق تونۇشتۇردى: تاموژنا تۆمۈريولنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا ئېلېكتىرونلۇق مەلۇم قىلىش، پۈتۈن تەرتىپلىك ئۇچۇرلاشقان مەشغۇلاتنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مەخسۇس مەلۇم قىلىش كۆزنىكى بار بولۇپ، نۆۋەتچى پويىزدىكى ماللارنى تەكشۈرۈشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. قورغاس يەنە جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىققان جاي بىلەن جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدىغان ئالاقىلىشىش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى بويىدىكى تاموژنىلارنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق باشقۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

بۇ يىل 1 - ئايدىن 10 - ئايغىچە، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 6433 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.8 ئاشتى. 2016 - يىلى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چېگرادىن چىققاندىن بۇيان، قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 30 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، قاتنىغان لىنىيە 80گە يېتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان 18 دۆلەتكە تەسىر كۆرسەتتى.

تاشيول تىرانسپورتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز بولدى، «جۇڭگودا ياسالغان» ئاپتوموبىللارنى ئېكسپورت قىلىش يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى

قورغاس تاشيول پورتىدا، ئاپتوموبىللار ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ تۇراتتى. بۇ يىل 11 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگىچە قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 101 مىڭ 100گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %177.3 ئاشتى؛ بىر كۈندە چېگرادىن چىقىرىلغان تاۋار ئاپتوموبىل ئەڭ كۆپ بولغاندا 1301گە يېتىپ، ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا «شىددەتلىك» ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى.

بۇنداق ھالەت يالغۇز قورغاستىلا ئەمەس. شىنجاڭدا «جۇڭگودا ياسالغان» ئاپتوموبىللار ھەرقايسى ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلىرىدىن كېلىپ توپلىنىپ، بۇ يەردىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يۈرۈپ كېتىدۇ. ئالتاي ۋىلايىتىدە، جۇڭگو، قازاقىستان، رۇسىيە، موڭغۇلىيە تۆت دۆلەت چېگرالىنىدىغان جايغا جايلاشقان جېمىنەي پورتىدا، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار ئامباردىن دۇنياغا يۈزلىنىپ، بىر گۈزەل «كۆچمە» مەنزىرىگە ئايلاندى؛ تارباغاتايدىكى باقتۇ پورتىدا، 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە جەمئىي ئېكسپورت قىلىنغان تاۋار ئاپتوموبىل 19 مىڭ 535، مال قىممىتى تەخمىنەن 6 مىليارد 90 مىليون يۈەن بولۇپ، پورت ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %31.7ىنى ئىگىلىدى...

«دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىل بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئېكسپورتى شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى يېڭى يارقىن نۇقتىغا ئايلاندى.» قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پورت باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى خۇ لەيجيې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە قورغاس تاشيول پورتى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنغان ئاپتوموبىللار دۆلەت ئىچىدىكى 35 ئاپتوموبىل ماركىسىنى قاپلىغان بولۇپ، ئاپتوموبىل ئېكسپورتى ۋاكالەتچىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت 80دىن ئاشتى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللار بۇ يەردىن قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە قاتارلىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ.

«چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنى توشۇشنى تەشكىللەش ۋاقتىنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ، قورغاس تاشيول پورتى يۈك تىرانسپورتى بويىچە 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇپ، يۈك تىرانسپورتى بويىچە شىنجاڭدىكى تۇنجى <24×7> سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزىدىغان تاشيول پورتى بولۇپ قالدى.» چېن پېڭدې مۇنداق تونۇشتۇردى: قورغاس تاموژنىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئاپتوموبىللارنى ئېكسپورت قىلىش «يېشىل يولى» تەسىس قىلىپ، پورتتا نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇردى، يەنە ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋار ئاپتوموبىللارنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چېگرادىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان ئاپتوموبىللارنىڭ سانىنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ، بېسىق مەزگىلگە تاقاشتۇرماي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈشنى يولغا قويدى.

پورتلار ھەمتۈرتكە بولۇش يەنە شىنجاڭ ئىزدىنىۋاتقان تەرەققىيات ئەندىزىلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىلدىن بۇيان، قورغاسنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى قورغاس پورتى ئارقىلىق چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە جايلاشقان دولاتا پورتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. بىر تەرەپتىن، دولاتا پورتىدا خەلقئارا يولۇچىلار تىرانسپورتىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، قورغاس پورتىنىڭ ئادەم ئېقىمى، ئەشيا ئوبوروتى بېسىمىنى يېنىكلەتتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، قورغاس تەجرىبىسىنى يېتەكچى قىلىپ، دولاتا پورتىنىڭ پەرقلىق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، ئىككى جاينىڭ پورت ئەۋزەللىكىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇردى.

«مېنىڭ ئىسمىم زۇڭ گو، بۇ جايغا شىنجاڭ چېگرا پورتلىرىنىڭ ئەشيا ئوبوروت ئەھۋالىنى كۆرگىلى كەلدىم، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيەگە بېرىپ سودا پۇرسىتى ئىزدەيمەن.» 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دولاتا خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىدە، بىز بېيجىڭدىن كېلىپ بۇ جاي ئارقىلىق قازاقىستان ئالمۇتاغا بارىدىغان سودىگەر زات زۇڭ گونى ئۇچراتتۇق، «بۇ جايدىن نۆۋەتچى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بىۋاسىتە ئالمۇتاغا بارغىلى بولىدىكەن، ئىنتايىن قولايلىق ئىكەن!» دېدى زۇڭ گو.

ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ئادەم ئېقىمى ۋە ئەشيا ئوبوروتىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، دولاتا خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتى تىرانسپورت تىجارىتىگە رەسمىي كىرىشتى، ھەر كۈنى قازاقىستان تەرەپ بىلەن ئۈچ لىنىيەدە ئۆزئارا قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئاپتوبۇس ماڭدۇردى، بۇ ئاپتوبۇسلار دولاتا پورتىدىن بىۋاسىتە قازاقىستاندىكى ئالمۇتا، شونجى ۋە قالجاتقا قاتنىدى. 8 - ئايدىن ھازىرغىچە، دولاتا پورتى ئارقىلىق جەمئىي 9000دىن ئارتۇق خەلقئارا يولۇچى توشۇلدى، كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى دەسلەپكى نەچچە ئون كىشىدىن كۆپىيىپ ئەڭ كۆپ بولغاندا 370 كىشىگە يەتتى.

«يولۇچى توشۇش پەقەت باشلىنىش. كەلگۈسىدە دولاتا پورتى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى، سودا، ئىمپورت - ئېكسپورت بويىچە پىششىقلاش، خاس چېگرا ھالقىغان ساياھەت قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، تەرەققىيات ئەۋزەللىكى تەدرىجىي نامايان بولىدۇ» دېدى دولاتا خەلقئارا ئاپتوموبىل يولۇچى توشۇش بېكىتىنىڭ مۇئاۋىن بېكەت باشلىقى شۈ جياڭيۈەن.

ھەر خىل ماركىلىق، تىپى ئوخشىمايدىغان ئاپتوموبىللار «سىرتقا چىقىرىلىدۇ» «توشۇپ كىرگۈزۈلىدۇ»، ھەرقايسى دۆلەت تىلىدا سۆزلىشىۋاتقان يولۇچىلار موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ... بۈگۈنكى كۈندىكى شىنجاڭ تاشيول پورتلىرى قاتار - قاتار ئىقتىساد بەلباغلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازارنى زىچ تۇتاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىغا پۈتمەس - تۈگىمەس تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بېغىشلىماقتا.

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەۋزەللىكى گەۋدىلەندى، چېگرا سودىسى قىزىپ كەتتى، گۈللەندى

«مەن چۆللۈكتىن ئالتۇن قازغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» شەنشىلىك خې خەييەن 1998 - يىلى ئالاتاۋغا كېلىپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن بۇ جايدا قېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈچ كىچىك پوكەي 275 كىۋادرات مېتىرلىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىرگەندە، رەڭگارەڭ ئىمپورت تاۋارلىرى كۆزنى قاماشتۇراتتى... يىراقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مال سېتىۋېلىش ھارۋىسىنى ئىتتىرگىنىچە نەچچە سائەت ئايلىنىپ مال سېتىۋالاتتى.

چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، پورت ۋە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ رايون ئورنى ۋە سىياسەت ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كىچىككىنە ئالاتاۋ زور كۈچ سەرپ قىلىپ 28 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يوللانمىلىرىنى ئايرىش - تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مەركىزى بەرپا قىلىپ، ئالى بابا، ئامازون، يىبېي قاتارلىق داڭلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، 508 مىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسىنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

«بىز ئالاتاۋ <ئاستا سۈرئەتلىك ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى> ئەندىزىسى بەرپا قىلدۇق، ئېكسپورت قىلىنغان ماللار 12 كۈندىن 18 كۈنگىچە ياۋروپاغا يېتىپ بارالايدۇ، خىراجىتى ئادەتتىكى ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىنىڭ 1/5ىگە، ۋاقتى دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ 1/6ىگە توغرا كېلىدۇ.» ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جوۋ چۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ جاي پۈتۈن تەرتىپ بويىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېز بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ماللىرىغا قارىتا ئىلتىماسنى ئالدىن قوبۇل قىلدى، ماللارنى ئالدىن پېچەتلىدى، ئالدىن تەكشۈردى.

«تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش سودىنى زورايتتى، سودىنى زورايتىش ماكانلاشتۇرۇپ پىششىقلاشقا تۈرتكە بولدى، ئىمپورت - ئېكسپورت بويىچە پىششىقلاش يەنە تاشقى سودىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.» ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاڭ بو مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، 813 كارخانا ئالاتاۋ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا ماكانلىشىپ، ئىمپورت ئاشلىقنى پىششىقلاش، ياغاچ ماتېرىياللارنى پىششىقلاش، ئېكسپورت جابدۇقلىرىنى ياساش، داۋالاش ماتېرىياللىرى ھەمدە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن ئىبارەت بەش چوڭ خاس ئەۋزەل كەسىپ توپىنى شەكىللەندۈردى.

قورغاستا، زور تۈركۈمدىكى چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىلىرىدىن باشقا، يەنە بىر مال سېتىۋالىدىغان ياخشى جاي − جۇڭگو - قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى بار. جۇڭگو تەرەپ رايونى 3.43 كىۋادرات كىلومېتىر، قازاقىستان تەرەپ رايونى 2.17 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھەمكارلىق مەركىزىگە كىرىپ، ساياھەتچىلەر 30 كۈن ۋىزىسىز چېگرا ھالقىپ ئەركىن پائالىيەت قىلىپ، خاس چېگرا ھالقىغان ساياھەتتىن ھۇزۇرلىنالايدۇ، بۇ مەركەزدىن جۇڭگو تەرەپ چېگراسى ئىچىگە كىرگەن ھەربىر ئادەم ھەركۈنى بىر قېتىمدا 8000 يۈەن خەلق پۇلى قىممىتىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنغان تاۋارنى ئېلىپ ماڭسا بولىدۇ. 1 - ئايدىن 9 - ئايغىچە، بۇ جاي كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 24 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.

«دۇكان بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالماي قالدى، بىرسى بىكار بولغان ھامان، دەرھال ئىجارىگە ئالىدىغان ئادەم چىقىدۇ.» ھەمكارلىق مەركىزى جىندياۋ مەركىزىي مەيدانىنىڭ باش دىرېكتورى جى گاڭ مۇنداق دېدى: مەن 2015 - يىلى بۇ جايغا كېلىپ «ئالتۇن قېزىش» ئىرادىسىگە كەلدىم ھەم قازاقىستان تەرەپ رايونىدا مەبلەغ سېلىپ جىندياۋ مەركىزىي مەيدانىنى قۇردۇم، بۇ، جۇڭگو تەرەپ مەبلەغ سالغان تۇنجى چېگرا ھالقىغان سودا مەركىزى بولۇپ قالدى.

بىر دۇكاندا، دۇكاندار قازاقىستانلىق بىرنەچچە سودىگەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتاتتى:

«يەنە كەلدىڭلارمۇ، ئالدىنقى كۈنىلا كەلگەن ئەمەسمۇ؟»

«مال ياخشى بولغاچقا، تېزلا سېتىلىپ كەتتى».

...

«پەقەت ئالاتاۋ ۋە قورغاستىلا ئەمەس، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى پورت ئىقتىساد بەلباغلىرىدا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچ نامايان بولماقتا.» ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تاموژنا باشلىقى خاۋ ۋېيمىڭ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدا دۆلەت سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تەستىقلىغان 20 پورت بار، 17 پورت ئېچىلىپ، شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ ئۇدا يۇقىرى خانىلىق ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى مۇقەررەر يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ».

(مۇخبىرلار جياڭ يۈنلۇڭ، ۋېن سۇۋېي، لى چاڭيۈ، جاڭ شۇەيجېن)

(«خەلق» گېزىتىنىڭ 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىكى سانىغا بېسىلغان)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت