شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
شىنجاڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىدە ئىمزالانغان كېلىشىم سوممىسى 6 مىليارد 400 مىليون يۈەندىن ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى گۇاڭجوۋدا ئاياغلاشتى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە ھاسىل قىلىنغان تۈرلەردە كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى 6 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە توختاملىق كېلىشىم سوممىسى 3 مىليارد 950 مىليون يۈەن، مۇددىئا كېلىشىم سوممىسى 2 مىليارد 500 مىليون يۈەن، نەق مەيداندىكى سېتىش سوممىسى 2 مىليون 800 مىڭ يۈەن بولدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى سەي لىشىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 18 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)، ئىككى ئورمانچىلىق سانائىتى گۇرۇھى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن كەلگەن تەخمىنەن 500 كارخانا ۋە دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى نۇرغۇن سېتىۋېلىش سودىگىرى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، 50تىن ئارتۇق تۈردىكى 800 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنى كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇپ، سېتىپ، سودىدا كېڭىشىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە تۇنجى قېتىم توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيى تەسىس قىلىندى، 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنىگىچە، توردا جەمئىي 28 سائەت بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ، جەمئىي 3 مىليون 580 مىڭ ئادەم قېتىم كۆرۈلۈپ، كۆرگەزمىنىڭ كۆرۈرمەنلەر دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيتىلدى. كۆرگەزمە مەزگىلىدە، يېزىق، سۈرەت، سىن، ئۈن، بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتى قاتارلىق پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش شەكلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ خاس باغ - ئورمان كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى مول نەتىجىلەر ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىندى.

جۇڭگو شىنجاڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئاساسى 2009 - يىلىدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلگەن شىنجاڭ خاس باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرى (گۇاڭجوۋ) سودا يەرمەنكىسى بولۇپ، 2018 - يىلى دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمىگە ئۆستۈرۈلگەن، بۇ، مەملىكەت بويىچە ئورمانچىلىق نۇقتىلىق يەرمەنكىلىرىنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، بۇ كۆرگەزمە شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان مەھسۇلاتلىرىنى خۇانەن رايونىدىكى بازارلاردا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش، گۇاڭدۇڭ بىلەن شىنجاڭدىن ئىبارەت ئىككى جاينىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت