شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

قومۇل شەھىرى:

​ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇردى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر فەن كۇن

بۇ بىرنەچچە كۈندە، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى ماشىنىسازلىق - ئېلېكتىرون فاكۇلتېتىنىڭ ئەمەلىي مەشىق ئۆيىدە، ماشىنىسازلىق لايىھەسى ھەم ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتكۈزۈش لايىھەسىنى ئىشلەۋاتاتتى. ئۇزاققا قالماي، ئۇلار كېلىشىم ئىمزالىغان كارخانىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىدۇ. ئوقۇغۇچى فەرزانە ئادىل تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن مۇنداق دېدى: «<پىراكتىكا + ئىشقا ئورۇنلىشىش> ئەندىزىسى ئەمەلىي مەشغۇلات ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىمىزنىمۇ ھەل قىلدى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى قومۇل شەھىرىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىنى چۆرىدەپ، «بايلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى ئورتاق زىممىگە ئېلىش، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىش»تىن ئىبارەت ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، مەكتەپ سىرتى ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىن 103نى ۋە مەكتەپ ئىچى ئەمەلىي مەشىق بازىسىدىن ئالتىنى قۇردى. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شۆيۈەن پارتىيە كومىتېتى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئەمەلىي ئىش قىلىشتىكى كىرىش نۇقتىسى قىلىپ، دىققەتنى كارخانىلاردا كەمچىل بولغان، ئالىي مەكتەپلەردە بار بولغان، جايلار ئىشقا ئاشۇرالايدىغان تەربىيەلەش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا بىرلىشىپ ئېچىش، زاكازلىق تەربىيەلەش قاتارلىق ھەمكارلىق ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كارخانا ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ئۈچۈن قوش يۆنىلىشلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

قومۇل كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ما خەيبو مۇنداق دېدى: «بىز كارخانىلارنىڭ خادىم قوبۇل قىلىشى بىلەن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىراكتىكا قىلىشى بىلەن كارخانىلارنىڭ خادىم ئىشلىتىشىنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرىدىغان قىلىپ، كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق تېخنىكا ماھارەت تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، قومۇل شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلىدۇق».

2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قومۇل شەھىرىدىكى كەڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئىدىيەنى ئۆگىنىش»نى باشتىن - ئاخىرغا سىڭدۈرۈلگەن باش ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىرگە ئايلاندۇردى.

ئاممىنىڭ ئېھتىياجى قەيەردە بولسا، مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتى خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى شۇ يەردە بولۇشى كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەرقىي دەريا كوچا باشقارمىسى ئاقيار مەھەللىسى «ئاقيار ياردەم بېرىش ئۆمىكى» پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەھەللە پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمىتىدىكى كەمتۈكلۈكلەر، مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلدى، «ئاقيار ياردەم بېرىش ئۆمىكى»نىڭ سىياسىي فۇنكسىيەسى، بازا فۇنكسىيەسى، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرگە باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى نەتىجىلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

ئاقيار مەھەللىسى ئاھالىسى خې خەيجۈن مۇنداق دېدى: «يېقىندا پىدائىيلار ئۆيۈمگە كېلىپ ئىلتىماس - تەلىپىمنى ئىگىلىدى، مەن مەھەللىدە ئاممىۋى پائالىيەت ئۆيى يوق بولۇش مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلدىم. مەھەللىنىڭ تىرىشچانلىقىدا، ئاممىۋى پائالىيەت ئۆيى بېزىلىپ بولدى. ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىگە ئىگە بولىدىغان، بېجىرىدىغان ئادەم بولغانلىقىدىن بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق».

«كېيىنكى قەدەمدە، بىز <ئاقيار ياردەم بېرىش> <ئاقيار بېجىرىش> خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل ئەمەلىي، ئىنچىكە ئىشلەپ، بەش دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، پىدائىيلار، مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتى، ئۆي - جاي مۇلازىمىتى شىركىتى قاتارلىق ھەرقايسى كۈچلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەھەللە فۇنكسىيەسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشىك ئالدىدىكى مۇلازىمەتنى ئىللىقلىققا ۋە كۈچكە ئىگە قىلىمىز» دېدى ئاقيار مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ۋاڭ گۇاڭلى.

ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ ئاراتۆرۈك بازىرى شيۇشۇييۈەن مەھەللىسىدە 60 ياشتىن ئاشقان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %50ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. 2 - تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مەھەللە پارتىيە باش ياچېيكىسى خىزمەتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى دائىرە پارتىيە ياچېيكىسىنى بىرلىك قىلىپ، ئۆگىنىشنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ ھەم ئۆگىنىشنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش بىلەن ئىللىقلىق يەتكۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ياشىنىپ قالغان، تېنى ئاجىز، ھەرىكىتى قولايسىز بولغان پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىنىڭ يېتىشىپ ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، ئۇلارغا پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇردى.

بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئالى تاجىنىڭ سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بولۇپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق دائىرە پارتىيە ياچېيكىسى تەشكىللىگەن ئۆگىنىش ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە نورمال قاتنىشالمايتتى. مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار كۆپ قېتىم ئالىنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلدى، يەنە باش تېما تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى، تەلىپىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈردى. ھەر قېتىم ئالىنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ تازىلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ بەردى. ئالى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار دائىم يوقلاپ كېلىپ، مەن بىلەن بىللە ئۆگىنىش قىلىدۇ، مەن ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلىمەن».

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت