شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىي چېگرادا ياساۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى: خاربىن - يىچۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تيېلى - يىچۇن بۆلىكىگە لىم ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-16 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

    يېقىندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ شىمالىي چېگرادا ياساۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى خاربىن - يىچۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ تيېلى - يىچۇن بۆلىكىگە لىم ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك تاماملىنىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.






   ئىگىلىنىشىچە، خاربىن ـ يىچۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۆلىتىمىزنىڭ «تەرەپ - تەرەپكە تۇتاشقان» يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورى بېيجىڭ ـ خاربىن ____ بېيجىڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن يولىنىڭ ئۇزارتىلغان لىنىيەسى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزدە ياسىلىۋاتقان كەڭلىك گىرادۇسى ئەڭ يۇقىرى، پۈتۈن لىنىيە جايلاشقان رايوننىڭ پۈتۈن يىللىق تېمپېراتۇرا پەرقى ئەڭ چوڭ، كۆپ يىللىق ئارالسىمان توڭ تۇپراق رايونىنى كېسىپ ئۆتىدىغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ئىكەن. بۇ لىنىيە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدىن باشلىنىپ، سۈيخۇا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئاخىرىدا يىچۇن شەھىرىگە بارىدىغان بولۇپ، غول لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 318 كىلومېتىر، لايىھەدىكى سائەتلىك سۈرئىتى 250 كىلومېتىر ئىكەن.

   خاربىن - يىچۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى خاربىن - تيېلى، تيېلى - يىچۇن بۆلىكىدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە تيېلى - يىچۇن بۆلىكىدە 2021 - يىلى 10 - ئايدا قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 2022 - يىلى 7 - ئايدا لىم ياتقۇزۇش قۇرۇلۇشى باشلانغان. خاربىن - يىچۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، خاربىندىن يىچۇنگە بارىدىغان تۆمۈريولنىڭ يۈرۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، شەرقىي شىمال رايونى بىلەن شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى رايونلىرى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي قاتارلىق تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ئالاقىسى يەنىمۇ قويۇقلىشىدۇ، بۇ، لىنىيە بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەنبە:



مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت