شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-13 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

​باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك

​ما شىڭرۇي رىياسەتچىلىك قىلدى​

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ ئۆگىنىشكە قاتناشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەت ئاساسىي لىنىيەسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

بېيجىڭ داشۆ جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتى، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ پىروفېسسورى، دوكتور يېتەكچىسى ما رۇڭ مەخسۇس تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ۋە مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر مۇھىم مەسىلىلەرنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى.

ئەركىن تۇنىياز، زۇمرەت ئوبۇل، نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى يىفېي، ئېلزات ئەخمەتجان پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. جاڭ چۇنلىن، خې جۇڭيوۋ كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت نەزەرىيەسى ۋە مىللەت سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى. باش شۇجى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 9 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شىنجاڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن - ئاخىر ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بىزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدە تۈپ يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىغا مۇلازىمەت قىلىش، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك ئىشلىرىغا پۇختا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.

ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەڭ ئۇللۇق، ئەڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىلمىي، مۇكەممەل بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭدىكى تەتقىقات ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى قاتارلىق ئۇللۇق مەسىلىلەر تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەنلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە بولغان جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخىي ماتېرىيال سىستېمىسى، سۆز سىستېمىسى، نەزەرىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى ئۈزلۈكسىز بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن - سىياسەتلىرى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەپ، ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساس سېلىش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشنىڭ تولۇق قاپلاش نەتىجىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىپ، بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتى يارىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى ئاممىنىڭ قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشى، يۆتكىلىپ يۇغۇرۇلۇپ ئولتۇراقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. مىللەتلەر ساھەسىدىكى خەۋپ - خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى ھەقىقىي چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى كۈرەشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىل ئارقىلىق ياخشى سۆزلەپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش، زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ مىڭشەن، يۈسۈپجان مەمەت، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا كوللېكتىپ ئۆگىنىشكە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەن ئورگانلىرى، ھەرقايسى شى، شەھەرلەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت