شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ساداسى
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-13 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا قىلغان سىنلىق تەبرىك سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سىنلىق تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئالاقە تورى كۈنسېرى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە، خەۋپسىزلىكنى قوغداشتىكى يېڭى ساھەگە، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىكى يېڭى سۇپىغا ئايلانماقتا، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ھەم دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بېرىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ساداسى.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك سۆزى خەلقئارا جەمئىيەتتە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەر، كەسپىي زاتلار بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: تەبرىك سۆز تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويۇشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، دۇنيا ئالاقە تورى تەرەققىياتىدا چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش: رەقەم ھاڭىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىچىكلىتىش

رەئىس شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېدى: بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، گۈللەنگەن تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. رەقەم ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەقەم ھاڭىنى كىچىكلىتىپ، ئالاقە تورى تەرەققىياتىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقنى ئالاقە تورى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈشىمىز كېرەك.

ئېفىيوپىيە ئەددىس - ئەبېبە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى كوستانتىنوس بېرخۇتېسفا بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دۇنيا ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىدا چوڭقۇر رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، بولۇپمۇ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى تەكشى بولماسلىق ئارقا كۆرۈنۈشىدە، تور پەن - تېخنىكىسى جەھەتتىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى رەقەم ھاڭىنى كىچىكلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنى رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئالاقە تورى تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئىدىيەسىدە، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئالاقە تورىغا ئالاقىدار تېخنىكىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە نەپ يەتكۈزۈشىگە تۈرتكە بولدى. رۇسىيەنىڭ كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى ئېچىش مۇتەخەسسىسى ۋىياچېسلاۋ ۋولدكوۋىچ مۇنداق بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى پەن - تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، دۇنيانى كۆپلىگەن ئەلا سۈپەتلىك ئالاقە تورى مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

تانزانىيە دارېس سالام داشۆسى جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى خامفرېي موش مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تانزانىيەنىڭ ئالاقە تورىغا ئالاقىدار پەن - تېخنىكا ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى، بۇلار تېلېگراف، رەقەملەشكەن چىقىم، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «جۇڭگونىڭ ياردىمى مەبلەغ مەدىتى بولۇپلا قالماي، يەنە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە تەجرىبىلەردىن بەھرىلەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ۋە ئالاقە تورى ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم».

بىرازىلىيە جۇڭگو مەسىلىلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى روننى لىنس مۇنداق دېدى: 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى بۇ يىلقى ئالاقە تورى دۇنياسىدىكى كاتتا ئىش، ئۇنىڭ باش تېمىسى «سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئېلاستىكلىققا ئىگە رەقەملىك دۇنيا قۇرۇش − قول تۇتۇشۇپ تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» بۈگۈنكى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ، «جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز رەقەملىشىشىگە ئەگىشىپ، جەزمەن بارلىق كىشىلەرنى ئالاقە تورىنى باراۋەر زىيارەت قىلىش ھەم رەقەملىك ماھارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيەت ۋە ئىقتىساتتىكى باراۋەرسىزلىكنىڭ سىجىل يامانلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك».

باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش: تور بىخەتەرلىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

نۆۋەتتىكى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق تېخنىكىلار ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، تور ھەرىكەت قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە تور بىخەتەرلىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرماقتا. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، تېخىمۇ تىنچ، بىخەتەر تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولى ۋە ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. تور بوشلۇقى خەلقئارا قائىدىسىگە رىئايە قىلىشىمىز، تور زومىگەرلىكى بىلەن شۇغۇللانماسلىقىمىز كېرەك. تور بوشلۇقى لاگېرلار قارشىلىشىشى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى ئېلىپ بارماسلىقىمىز كېرەك. تور بىخەتەرلىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توردىكى قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا كۈچلۈك زەربە بېرىپ، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

خەلقئارا تېلېگراف ئىتتىپاقى تېلېگرافنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئىدارىسى 17 - تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى ياڭ شياۋيا مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر بەس - بەستە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، سۈنئىي ھەمراھ ئالاقە تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشىۋاتىدۇ، جۇڭگو ئالاقىدار ساھەلەردىمۇ كۈنسېرى تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

كىرودىيە خەۋەرلىشىش ۋە كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى ئىگور راكتىچ مۇنداق دېدى: دۆلەت ياكى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئالاقە تورىدىن ئايرىلالمايدۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى تەرەپنىڭمۇ ئالاقە تورىنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىدىيە يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە بولۇپ، دۇنيا ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

مىسىر مەنسۇرە داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى، رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىش تەتقىقات مۇتەخەسسىسى مەھمۇد گېندى مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقە تورى ۋە تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ساھەسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى. جۇڭگو ئالاقىدار پەن تەتقىقات ساھەسىدىكى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر تېخنىكا ساھەسىدە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بار - يوقنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ، تور بوشلۇقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە قوغدىدى.

ۋولودكوۋىچ مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، تور ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ، رۇسىيە تەرەپنىڭ مەيدانى بىلەن بىردەك، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئالاقە تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلىتىپ ۋە ياخشى باشقۇرۇپ، ئالاقە تورىنى دۇنيا خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتى بار.

مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش: ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش

جۇڭگو ئەزەلدىن ئالاقە تورىنىڭ مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، پەن - تېخنىكىنى پايدىلىق ئىشلارغا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، رەقەم ھاڭىنى تولدۇرۇشقا ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، تور مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاجىز كىشىلەر توپىنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايوندىكى خەلقلەرگە نەپ يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، تېخىمۇ باراۋەر، سىغدۇرۇشچان تور بوشلۇقى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. توردا ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.

دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ توردا ئالماشتۇرۇش، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىشتە جارى قىلدۇرغان رولى موشتا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، يەرشارىۋى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

ئېفىيوپىيە، كېنىيە، نىگېرىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىدە، جۇڭگونىڭ 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پۇل مۇئامىلە پەن - تېخنىكىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتى شۇ جاينىڭ ئۆز تېخنىكا ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بەرمەكتە. جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىدا، جۇڭگونىڭ ئالاقە تورى قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرى ئالاقىدار رايونلارنى مۇھىم ئۆرنەك بىلەن تەمىنلىدى. بېرخۇتېسفا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ رەقەم ساھەدىكى كەسپىي بىلىمى ۋە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئۆزىنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى كېڭەيتەلەيدۇ ھەم رەقەملىك مۇلازىمەتكە ئېرىشىشنى ياخشىلىيالايدۇ. بۇ، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچانلىق ۋە ئۆزئارا باغلىنىشچانلىققا ئىگە جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.

لىنس مۇنداق دېدى: 2023 - يىللىق دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقئارا ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ، ئالاقە تورىغا ئالاقىدار تېخنىكا ۋە سودا ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ۋۇجېن ئۆزىنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە زامانىۋىلاشقان ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ بىرىككەن تەرىپىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەم تارىخىي ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ھەم كەلگۈسى يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

راكتىچ مۇنداق بىلدۈردى: نۇرغۇن خەلقئارالىق ئاپپاراتلار ۋە خادىملار جۇڭگودا ئېچىلغان دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنىغا قاتنىشىپ، كەلگۈسىدىكى خىرىسقا قانداق ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى، بۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئالاقە تورى ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە ئىنتايىن مۇھىم.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرىنىڭ خەۋىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يازغان مۇخبىر جاڭ جياۋېي)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت