شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
​شىنجاڭدىكىلەر ئېجىل - ئىناق، بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە تاراتقۇ زاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى زىيارەتكە كەلدى −​

شىنجاڭدىكىلەر ئېجىل - ئىناق، بەختلىك، خاتىرجەم ئىكەن

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گۇەن مېڭيىڭ

10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە تاراتقۇ زاتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېكسكۇرسىيە - زىيارەتتە بولدى. شىنجاڭدىكى مەزگىلدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بازار، مەسچىت، كارخانا قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، دىنلارنىڭ ئىناقلىقى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر قەشقەر شەھىرى ھېيتگاھ مەسچىتى، شىنجاڭ ئىسلام دىنى شۆيۈەنىنى نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، دىنىي خادىملارنى تەربىيەلەش، دىنىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدا ئالاقىدار خادىملار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

«ھەرقانچە كۆپ يالغان - ياۋىداق سۆزمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە توسقۇنلۇق قىلالمايدۇ.» ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى، سۇرىيە دىن ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاسىم مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداپلا قالماي، يەنە مەبلەغ چىقىرىپ مەسچىتلەرنىڭ يۇمشاق، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپتۇ، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى شىنجاڭدا تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلۈپتۇ.

تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئېغىر سانائەت شىنجاڭ چەكلىك شىركىتى، ئاقتۇ ناھىيەسى چۇنجۇڭچۇن كىيىم - كېچەك چەكلىك شىركىتى، قەشقەر جياڭگوگو يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق جايلاردا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىلارنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدى.

«خىزمەت مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن، ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئىناق ئۆتىدىكەن، ھەممەيلەن گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىۋېتىپتۇ.» مىسىر «بۈگۈنكى مىسىرلىقلار گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى خالىد ئەلشامى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدىم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر جۇڭگو شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كاپالىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يالغان - ياۋىداق سۆز، بىمەنە سەپسەتىلەرنى ئۈزلۈكسىز تارقاتتى، ئۇلار شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەرنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى كۆپرەك كۆرۈپ بېقىشى كېرەك. بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق دۇنياغا ھەقىقىي جۇڭگو شىنجاڭنى سۆزلەپ بېرىمىز.

«كېچىلىك مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن. قايتىپ بارغاندىن كېيىن، باش تېمىلىق خەۋەردىن بىرنى يېزىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى تونۇشتۇرىمەن.» شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا، پەلەستىن «يېرۇسالېم گېزىتى»نىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مەسئۇل مۇھەررىرى ئابۇ قادىر پات - پات يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتتى.

قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى ساياھەتچىلەر بىلەن بىللە ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى؛ كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى جۇڭگو شىنجاڭ مىللىيچە چالغۇلار كەنتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر كەنت ئاھالىسى يۈسۈپجان جۈمەنى چۆرىدەپ تۇرۇپ ئەنئەنىۋى مىللىيچە چالغۇلارنىڭ ياسىلىش جەريانىنى ئىگىلىدى، يۈسۈپجانمۇ ھاياجانلىنىپ كۆپچىلىككە بىر پەدە مۇزىكا چېلىپ بەردى.

بەش كۈنلۈك ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئالجىرىيە دىن ۋە ئىئانە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ھەمكارلىق ۋە تاشقى مۇناسىۋەت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى سايەبتە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: «خۇددى خۇشاللىق دېڭىزىغا چۆمگەندەك بولدۇم، بۇ جايدىكى ئاھالىلەر ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادىتىنى ساقلاپ كەپتۇ، بۇ جايدا ناھايىتى بەختلىك ياشاۋېتىپتۇ».

ئايرىلىش پەيتىدە، ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى كېلىشىۋالغاندەكلا بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭ ياخشى جاي ئىكەن، مۇشۇ پەيتتە ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمايۋاتىدۇ، بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايمىز. «يول بويى مېڭىپ، يول بويى كۆردۇق، شىنجاڭ خەلقى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇۋېتىپتۇ، تۇرمۇشى بەختلىك ئىكەن.» بەھرەين «دېڭىز قولتۇقى خەۋەرلەر گېزىتى» يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى خەۋەر ئىشلەش كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى ئەلى شاھرام ھاياجانلانغان ھالدا تارتقان سۈرەت ۋە سىنلىرىنى كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەپەردە شىنجاڭ خەلقىنىڭ قىزغىن، مېھماندوستلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، «شىنجاڭ ئىنتايىن گۈزەل، تارىخى ئۇزۇن، مەدەنىيىتى پارلاق ئىكەن، شىنجاڭغا يەنە كېلىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت