شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

​− شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، كارخانىلارنى ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭىلىق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچىدە يوپۇق ئېچىپ قۇرۇلدى. ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %75ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ئەڭ ياخشى، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئەڭ ياخشى رايون ھېسابلىنىدۇ.

«شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش ئۈرۈمچىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشىدىكى مۇھىم تارىخىي پۇرسەت.» ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار، كارخانىلار بۇنىڭدىن زور ئىلھام ئېلىپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئىلگىرىلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ ۋە سىڭىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز.

تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش

«ئىلتىماس قىلىش ئاددىي، تامغا ئويدۇرۇشمۇ ھاجەتسىز، ناھايىتى ئاسانلاشتى.» يېقىندا، ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى(تۇدۇڭخابا رايونى)لىق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال كەسىپ بېجىرىش كۆزنىكىدە، شىنجاڭ خالىدې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسى چېن لۇ بېجىرىلىپ بولغان «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس»لىق تىجارەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئېلىپ شۇنداق دېدى. «بىر كىنىشكا كۆپ ئادرېس» ئىسلاھاتىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىلىرى ئازايتىلىپ، مۇلازىمەت تەرتىپلىرى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈم ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەتنى كېڭەيتىش بوسۇغىسى ۋە تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلدى.

تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغۇتۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر. «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئومۇمىي لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلدى)دە ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«بىزنىڭ تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئىلتىماس - تەلىپىگە قارىتا نىشانلىق ھالدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، دەل جايىدا كۈچەشكە ئىشەنچىمىز بار.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ مېيۋېن مۇنداق دېدى: بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى بىرلىكتە بېجىرىشنى سىجىل يولغا قويۇپ، يېمەكلىك تىجارىتى ئىجازىتى قاتارلىقلاردا «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى بىرلىكتە بېجىرىش»نى يولغا قويۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز. بىر يۈرۈش ماتېرىيال، بىر كۆرسەتمە، بىر كۆزنەكتە قوبۇل قىلىش، بىر قېتىمدا كىنىشكا تارقىتىش، بىر يۈرۈش ئارخىپ بولۇش ئەندىزىسى بويىچە، «بىر كىنىشكا، بىر تەرتىپ»نى «بىر ئىش، بىر تەرتىپ»كە ئۆزگەرتىپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ قولايلىق بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

بازار ئىگىلىكى قانۇنچىل ئىگىلىك، قانۇنچىل بولۇش ئەڭ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى. «لايىھە»دە ئۈرۈمچىنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى» قۇرۇشىنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«ياخشى قانۇنچىل مۇھىت ھازىرقى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا رىقابىتىدىكى ھەقىقىي يۇمشاق ئەمەلىي كۈچكە ئايلاندى.» يۈندې (ئۈرۈمچى) ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى چېن دۇڭجيې مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش دۆلەت شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىغا يۈكلىگەن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، ئۈرۈمچى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى مەركىزىي شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن خەلقئارالاشقان، كەسىپلەشكەن قانۇن مۇلازىمىتىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. بۇ يىل، بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى شىنجاڭ داشۆ قانۇن شۆيۈەنى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» كۆزگە كۆرۈنگەن قانۇنچىللىق ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بازىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، چەت ئەلگە چېتىشلىق قانۇن ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. «بىزنىڭ نىشانىمىز <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ <چىقىرىش>ىغا ۋە چېگرا سىرتىدىكى كارخانىلارنىڭ <كىرگۈزۈش>ىگە كۈچ قوشۇش» دېدى چېن دۇڭجيې.

مەۋقەنى ئەۋزەللىككە قويۇپ، تاشقى سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش

يېقىندا، قىممىتى 8 مىليون 910 مىڭ دوللار بولغان 1067.3 توننا ئېلېكتىرولىزلانغان مىس ئۈرۈمچى - سانجى تاموژنىسىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ قوشۇمچە ئېغىزى ئارقىلىق باجدىن خالىي ئامبارغا ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلدى. بۇ، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ «رايون - پورت ھەمتۈرتكە بولۇش» ئارقىلىق باجدىن خالىي كەسىپلەرنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىنى قوللاشتىكى يەنە بىر قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى ھېسابلىنىدۇ. قوشۇمچە ئېغىزنىڭ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى ئىمپورت ماللىرىنىڭ چېگرادىن كىرىش پورتى بىلەن ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئارىسىدا بىۋاسىتە يۆتكىلىشىگە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون بىلەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«بۇ يىلدىن بۇيان، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى كۈچنى مۇجەسسەملەپ باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ قوشۇپ، ئاساسىي ئېغىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈپ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، سودىنى قولايلاشتۇرۇشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى.» ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى باجدىن خالىي كەسىپلەر ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جوۋ جيې مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى «ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون + ئەركىن سودا سىناق رايونى»نىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنىڭ خەلقئارا سودىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىش، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى فۇنكسىيەلىك سۇپىلىق رولىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ خىللاشقان باجدىن خالىي كەسىپلەرنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى تاشقى سودا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى، بازاردىن سېتىۋېلىش سودا شەكلى سىناق نۇقتىسى قاتارلىق سىياسەت ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاشقى سودىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈردى.

شىنجاڭ ئۈرۈمچى چېگرا رايون مېھمانخانىسى سودا بازىرى غەربىي شىمال بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە بازاردىن سېتىۋېلىش سودا سىناق نۇقتىسى قىلىنغان تاشقى سودا بازىرى بولۇپ، ئاساسلىقى كىيىم - كېچەك، ئۆي جاھازلىرى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق تاۋارلار تىجارىتى قىلىنىدۇ، بۇ تاۋارلار قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە رايونلىرىغا سېتىلىدۇ.

شىنجاڭ چېگرا رايون مېھمانخانىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور شاكىرجان سۇلايمان مۇنداق بىلدۈردى: ئەركىن سودا سىناق رايونى شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، چېگرا رايون مېھمانخانىسى بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئېلىپ كەلگەن تاشقى سودىنى قولايلاشتۇرۇش ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى كۆلىمىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك كارخانا ۋە تاۋارلارنى توپلىنىشقا جەلپ قىلىپ، بازارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىدۇ.

ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە، «لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىچىدە ئىچكى - تاشقى سودىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، دىققەتنى پاختا توقۇمىچىلىق كەسپى، شوخلا كەسپى ۋە كىرېمنىينى ئاساس قىلغان كەسىپ قاتارلىق ئەۋزەل كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھازىرقى قوللاش سىياسەتلىرىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ بىر گەۋدىلەشكەن تىجارەت قىلىش، بىر گەۋدىلەشكەن بازار ئېچىش، بىر گەۋدىلەشكەن داڭلىق ماركا يېتىشتۈرۈشىنى قوللاش كېرەك.

«بىز ئەركىن سودا سىناق رايونى سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قۇرۇقلۇق پورتى، ئاۋىياتسىيە پورتى ھەمتۈرتكە بولۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، غەربىي قىسىم رايونىدا، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتە توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى، لايىھەلەش مەركىزى، كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش مەركىزى ۋە راسچوت قىلىش مەركىزى قۇرۇپ، تىرىشىپ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان، دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپى يېتەكچى رايونى ۋە توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك سودىسى يىغىش - تارقىتىش ئورنى قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى ئۈرۈمچى خەلقئارا توقۇلما بۇيۇملار، كىيىم - كېچەك سودا مەركىزى مەبلەغ سېلىش - ئېچىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيەن.

ئىزدىنىپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

جۇڭگو قەغەز قىيمىسىنى ئۆگىنىش، «مەدەنىيەت يىپەك يولى» باش تېمىسىدىكى تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش... 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 21 دۆلەتتىن كەلگەن 23 نەپەر ياش خەنشۇناس شىنجاڭدا تەتقىقات خاراكتېرىدىكى بىلىم ئاشۇرۇش سەپىرىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن يېقىن ئارىلىقتا ھۇزۇرلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەتنى چۈشىنىپ، خەلق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى چوڭقۇر چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت تاشقى مەدەنىيەت سودا بازىسى بەرپا قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشنى قوللاپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، يىپەك يولى ئامىلىغا ئىگە بىر تۈركۈم ئەۋزەل مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى يارىتىش كېرەك. بۇ، شىنجاڭ كىتابخۇمارلار تىيانشان مەدەنىيەت پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خەن جىشيۇڭنى تولۇپ تاشقان ئۈمىدكە ئىگە قىلدى.

«شىنجاڭدا دىققەتنى ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىشكە ئەڭ بالدۇر قاراتقان ئاپپارات بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىتابخۇمارلار تىيانشان مەدەنىيەت پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دەل ۋاقتىدا باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە ئېلىپ بېرىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ئىلغار ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇشنى كېڭەيتىش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، كىرگۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەدەنىيەت بايلىقىنى ئېچىپ، دۇنياغا جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىدۇ.» خەن جىشيۇڭ مۇنداق دېدى: ئىجادىيەت سۇپىسى قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەش ۋە باش تېمىلىق مەدەنىيەت پائالىيىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كارخانا داڭلىق ماركىسىنى زورايتىمىز، كۈچەيتىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى خەلقئارا داۋالاش مۇلازىمىتىنى پائال كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزىنىڭ ئىقتىدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈردى.

«لايىھە»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنى يادرو قىلىپ، رايون داۋالاش بايلىقى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان خەلقئارا دىياگنوز قويۇش -داۋالاش كەسپىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

«بىز ئەركىن سودا سىناق رايونى سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىلغار تەجرىبە، ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك ئېلىپ، رايونلارنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سەھىيە - ساغلاملىق تۈزۈم سىستېمىسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزىمىز.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گۇەن ئەيجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن داۋالاش - سەھىيە ساھەسىدە ئىلىم، پەن تەتقىقات، ئادىمىيەت جەھەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇرىمىز. ئىلغار تېببىي تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش كوللېكتىپىنى كىرگۈزۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچىنىڭ دۆلەت جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى بىر يارقىن نام كارتىسىغا ئايلاندۇرىمىز.

(مۇخبىر گو چيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار سو رۇڭجى، يۈ مېڭفەن، جاڭ دۇڭمېي، جاۋ يۆ، سۈن فاڭتىڭ)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت