شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىش
يوللانغان ۋاقىت :2023-11-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

− مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

10 - ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 31 - كۈنىگىچە، مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئىشەنچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئۇرغۇتتى. جەزمەن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۇختا قەدەمدە ئالغا ئىلگىرىلەپ، يىغىننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، يېڭى دەۋردە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەش

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك تىرەك بولۇپ، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

«پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تۈپ نېگىزىدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يول باشلاپ رولچى بولغانلىقىدىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان.» جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى زوۋ لەن مۇنداق دېدى: يىغىندا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى «تەستە قولغا كەلگەن» دېگەن سۆز بىلەن خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ، مېنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ سىياسىيلىقى، خەلقچىللىقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

«مەۋقەنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا قويۇش، دەۋر تومۇرىنى چىڭ ئىگىلەش» نۇرغۇن كىشىنىڭ يىغىن روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى گەۋدىلىك تەسىراتى بولدى.

جۇڭگو ھاياتلىق بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ۋېن بىن مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ماركسىزملىق پۇل مۇئامىلە نەزەرىيەسىنى ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە ئىشلىرىدا ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا ماڭدى.

يىغىندا جاسارەت بىلەن جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىنى ئېچىش چۆرىدىلىپ «سەككىزدە چىڭ تۇرۇش» تەكىتلەندى.

«<سەككىزدە چىڭ تۇرۇش>تا پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە قانداق قاراش، ئۇنى قانداق ئىشلەش ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى، بۇنىڭدا ھەم دۇنيا قاراش، ھەم مېتودولوگىيە بار بولۇپ، بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمىتىمىزنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى شەخسلەر پۇل مۇئامىلە بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى سۈن نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت سودا بانكىلىرى «پۇل مۇئامىلە خەلقنى كۆزلەش» ئىدىيەسىنى قەتئىي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تىرىشىپ ئاساسىي پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»غىچە راۋانلاشتۇردى.

پۇل مۇئامىلە ئىشلىرى خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن باشلىنىدۇ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق گۈللىنىدۇ.

«بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىزنىڭ كەلگۈسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە بولغان ئۈمىدىمىز تېخىمۇ ئاشتى.» شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىنىڭ چاڭئەن رايونى زىۋۇ كوچىسى دۇڭتەي يېڭى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شياۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: بۇ يىل 5 - ئايدا كەنتىمىز شەنشى چىننۇڭ بانكىسى نام بەرگەن ئىناۋەتلىك كەنتكە ئايلاندى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى كىرېدىت مەبلىغىنىڭ قوللىشى بىلەن ئائىلىۋى قونالغۇ ئېچىپ، ساياھەت تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس تېرىقچىلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىگە بولغان ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

تەدبىر كۆرسىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش

پۇل مۇئامىلە خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، دۆلەت يادرولۇق رىقابەت كۈچىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

«دۇنيا ئەندىزىسى تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتقان تۆت كوچا ئېغىزىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەدبىر كۆرسىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، دەۋر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتى.» دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى تاشقى پېرېۋوت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دىڭ جىجيې مۇنداق دېدى: پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنىڭ كەسپىيلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە پۇل مۇئامىلە كەسپىنى بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە چوڭ دۆلىتىدىن پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولىمىز.

دۆلەت تەرەققىيات بانكىسىنىڭ باش كەسپىي ئەمەلدارى ليۇ پېييۇڭ پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتە، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ قارىدى. «يىغىندا سىياسەت خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىن ئىبارەت فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بىز دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، نۇقتىلىق ساھەسى ۋە ئاجىز ھالقىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يەنىمۇ قوللاپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە ئىلغار ياسىمىچىلىقنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ساھەلەرگە پائال مۇلازىمەت قىلىپ، كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قاتارلىق <ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش>نى تېزلىتىشنى قوللايمىز».

خۇاكې جىڭجۇن (بېيجىڭ) داۋالاش پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان سەككىز يىلدىن بۇيان، دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان دۆلەتنىڭ كۆپ نۇسخىدىكى ئىجادىي داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى. كارخانىنىڭ باش تىجارەت ئەمەلدارى ۋاڭ لەنفېن مۇنداق دېدى: «يىغىندا تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىشلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، پۇقراۋى پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى خاتىرجەم قىلدى، بىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى، بىز تىرىشىپ بىيوداۋالاش ساھەسىدە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچ قوشىمىز».

يىغىندا «كاپىتال بازىرىنىڭ تۈگۈنلۈك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەم پاي چېكى تارقىتىشنى تىزىملاش تۈزۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، زايوم بازىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. جۇڭتەي ئاكسىيەسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى لى شۈنلېي مۇنداق قارىدى: كاپىتال بازىرىنىڭ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، بۇ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كاپىتال بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق.

«ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش كاپىتال بازىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ كاپىتال بازىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.» جۇڭگو ئاكسىيە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش 1 - بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ ۋاڭجۈن مۇنداق بىلدۈردى: ئاكسىيە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىغا بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئاشكارا، ئېچىۋېتىلگەن، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئېلاستىكلىققا ئىگە كاپىتال بازىرى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، كاپىتال بازىرىنىڭ تۈگۈنلۈك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىدۇ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

قېتىرقىنىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش

مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنىڭ يول خەرىتىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، مۇھىمى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ كاپالەت.» دۆلەت مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى دۆلەت مەبلەغ سېلىش ئىگىلىك تىكلەش ھەمكارلىق فوندى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: دۆلەت فوندىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى ھەم مەركەز كارخانىسى فوند شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىركىتىمىز «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى زور كۈچ بىلەن قوللاش» قاتارلىق يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، فوند مەبلىغى ئارقىلىق پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ قوشۇش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پەن - تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى قوللايدۇ.

تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچ. «يىغىن ئورۇنلاشتۇرمىسى پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش خىزمىتى ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا ۋە يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.» دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ قانۇن - نىزام خىزمىتىگە ئالاقىدار مەسئۇلى چى شياڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھەم ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋىۋىسكا ئېسىلدى، تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كېيىنكى قەدەمدە، پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش باش ئىدارىسى مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى پۇرسەت بىلىپ، پۇل مۇئامىلە قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە قانۇن چىقىرىشنى ۋاقتىدا ئالغا سىلجىتىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل، ئىلمىي قېلىپلاشقان، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىستېما خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرى يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش مۇقەررەر يول.

«شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونى تەسىس قىلىنغان تۆت يىلدىن بۇيان، رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21.2 ئاشتى، بۇ، پۇل مۇئامىلىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنىڭ كۈچلۈك مەدىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.» لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى پۇل مۇئامىلە سودا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى يىن جۈن مۇنداق دېدى: لىنگاڭ يېڭى بۆلەك رايونى تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئىسلاھات سىياسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تۈرلۈك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل. جۇڭگو گۇاڭدا بانكىسى ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ سالغۇچىلار مۇناسىۋىتى بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى چېن گۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: پۇل مۇئامىلە قوشۇنىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى قەلبكە پۈكۈپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پۇل مۇئامىلە كۈچىنى قوشىمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت