شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى تۇنجى قېتىم 250 مىليارد يۈەندىن ئاشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-10-24 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 252 مىليارد 840 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %47.3 ئاشقان. بۇ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۇنجى قېتىم 250 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2022 - يىلىدىكى پۈتۈن يىللىق تاشقى سودا سەۋىيەسىدىن ئېشىپ، تاشقى سودا كۆلىمىدە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقى سودىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ۋە پورتلارنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى داۋاملىق تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى ساقلىغان. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئېكسپورت قىممىتى 213 مىليارد 380 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %48.8 ئاشقان؛ ئىمپورت قىممىتى 39 مىليارد 460 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.8 ئاشقان.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسىدا ھاياتىي كۈچ سىجىل كۈچىيىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىشقا يۈزلىنىش، قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئۈنۈملۈك توپلىنىش ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت ئەمەلىي نەتىجىسىگە ئىگە تاشقى سودا كارخانىسى 2535 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.2 كۆپەيدى. پۇقراۋى كارخانىلار يەنىلا شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇپ، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %52.1 ئېشىپ، كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %93.2ىنى ئىگىلىدى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتىنىڭ 47 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ يىل شىنجاڭدىكى تاشيول پورتلىرى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تەرتىپلىك ئېچىۋېتىلدى، تاشيول تىرانسپورتى شىنجاڭ تاشقى سودىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تىرانسپورت شەكلى بولۇپ قالدى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭ تاشيول تىرانسپورتى شەكلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %62.7 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %68.2ىنى ئىگىلىدى؛ تۆمۈريول تىرانسپورتى شەكلى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.7 ئاشتى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنىڭ تاشقى سودا كۆلىمى بىردەك ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئاشتى. جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %73.2 ئېشىپ، «كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش» ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جەنۇبىي - شىمالىي شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسى تەڭپۇڭلىشىشقا تېخىمۇ يۈزلەندى. قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ سودا قىممىتى، ئېشىش سۈرئىتى شىنجاڭ بويىچە بىردەك بىرىنچى ئورۇندا تۇردى، ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %89.7 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %24.1ىنى ئىگىلىدى. ئاپتونوم رايون بويىچە ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ تەرەققىيات پايدىسى ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلدى، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭدىكى تۆت ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوننىڭ جەمئىي تاماملىغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %101.8 ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى شىنجاڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %41.1ىنى ئىگىلىدى.

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ ئەمگەك كۆجۈملەشكەن مەھسۇلاتلىرى، ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىدا جەمئىي تاماملانغان ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50تىن كۆپرەك ئاشتى. توكلۇق ئادەملىك ئاپتوموبىل، لىتىيلىق باتارېيە، قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيەدىن ئىبارەت «يېڭى ئۈچ خىل» مەھسۇلاتتا جەمئىي تاماملانغان ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.5 ئاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ ئىمپورت قىلغان كان مەھسۇلاتلىرى، ياغ، ياغلىق دان، ئاشلىق قاتارلىق دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنىڭ مىقدارى ۋە قىممىتىدە بىردەك ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا بازىرى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئالدىنقى ئۈچ چوڭ سودا ھەمراھى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %71.2، %32.5، %93 ئاشتى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %49.7 ئاشتى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %53.8 ئاشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت