2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلدى
ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، ئاقسۇ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، 2023 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاقسۇ شەھىرىدە ئېچىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان باش تېما تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي قوغداش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى (2021 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، مەسئۇلىيەت ئېنىق بولغان، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ھەم تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاپپارات، فۇنكسىيە، ھوقۇق چېكى، تەرتىپ، مەسئۇلىيەتنى قانۇندا بەلگىلەشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. قابىل ھۆكۈمەت بىلەن ئۈنۈملۈك بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قەتئىي تۈردە ئاساسىي قانۇن، قانۇنلار، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملار ۋە تۈرلۈك تۈزۈم، قائىدىلەر بويىچە ئىش بېجىرىش كېرەك. قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق ساھەلەردە نىزام چىقىرىشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزام، قائىدە ۋە مۇھىم تۈزۈم خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ خەۋەردار بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. مۇھىم مەمۇرىي تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپى بەلگىلىمىسى ھەم ئۆمۈرلۈك مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىكنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى «پۇجياڭ تەجرىبىسى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭ «ئۇلۇڭگۇر» تەجرىبىسىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چەت، يىراق رايونلارغا مايىللىشىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. قانۇنچىللاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ قىسقارتىپ، تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتتا يېگانە ئارال بولۇپ قېلىش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەقىقىي تۈردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نى مەھكەم تۇتۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تەكشۈرۈپ باھالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. دىققەتنى نۇقتىلىق ھالقا ۋە ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى پۇختىلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش، سۈپىتىنى ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ۋەكىللىرىگە تەكلىپنامە تارقىتىپ بېرىلدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆردى.
چېن مىڭگو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.