ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتى ھەم ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى
ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى
ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېيلۇڭجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا ۋە يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا قايتۇرغان مۇھىم جاۋاب خېتى ۋە ئالاقىدار مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، مەركەزنىڭ پۇدۇڭ يېڭى رايونى، شيامېن ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلەپلىرى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، شىنجاڭنىڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەم يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پىلان، ھەم ھەرقايسى جايلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم يېتەكچى. باش شۇجىنىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكى يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش، ئېنېرگىيە ۋە ئاچقۇچلۇق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تاموژنىدا تاموژنا خادىملىرى ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قونجىراپ تاموژنىسىدىكى بارلىق تاموژنا خادىملىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرغانلىقى باش شۇجىنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاموژنا خىزمىتىگە، شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم جاۋاب خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، تاموژنىنىڭ دۆلەت دەرۋازىسىنى ساقلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ «بىر پورت، ئىككى رايون، بەش چوڭ مەركەز، پورت ئىقتىساد بەلبېغى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈم ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پورت ئىقتىسادىنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى خىزمەت نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە ئەۋەتكەن خېتىنىڭ روھى ۋە 10 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىق مۇنبىرى، 2023 - يىللىق پۇجياڭ يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرىگە ئەۋەتكەن مۇھىم تەبرىك خېتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئۇل خىزمەت سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، تۈرلۈك مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى سىجىل جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرىدىغان دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سېلىنمىسى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پەن - تېخنىكا ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە مۇھىم تۇتقا قىلىپ، پۇدۇڭ يېڭى رايونى، شيامېن ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۆرنەك قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، كۆز قاراشنى ئۆزگەرتىپ، دادىل ئىزدىنىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ نۇقتىلىق ئىسلاھات سىناق نۇقتىسىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش، غەربكە ئېچىۋېتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتى، ئېنېرگىيە بايلىقى بازىسى قۇرۇلۇشى، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك، ئىجادىي، يېتەكچى خاراكتېرلىك ئىسلاھاتلارغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ ياخشى يارىتىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا شىنجاڭ ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى قۇرۇشقا ئالاقىدار يىرىك پىلان مۇھاكىمە قىلىنىپ، قاراپ چىقىلىپ، مۇنداق تەكىتلەندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشى نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل بايلىقى ۋە كەسىپلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، باغچە رايونلىرىنى توپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ياسىمىچىلىقتىكى ئىچكى - تاشقى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر تۈركۈم ئىلغار ياسىمىچىلىق توپلاشقان رايون قۇرۇپ، بىر تۈركۈم خاس، ئەۋزەل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىدىكى بىر تۈركۈم ئەلا سۈپەتلىك يېتەكچى كارخانا، توپ يېتەكچى كارخانىلارنى يېتىلدۈرۈپ، ياسىمىچىلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز توپلىشىش، يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى سانائەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، مۇنداق تەكىتلەندى: خىزمەت قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت، مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تۈزۈم تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، خىزمەت ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.