شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، فېڭخۇاڭ − شىخو II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، بۇ، شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق تۈر بولغان ئىلى − بورتالا ئوبلاستى − شىخو − فېڭخۇاڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ئىكەن.
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ لىنىيە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 166.097 كىلومېتىر، يېڭىدىن 362 تۆمۈر مۇنار سېلىنغان، مايتاغ چوڭ جىلغىسى، ماناس دەرياسى، لەنجوۋ - شىنجاڭ تۆمۈريولى ھەم نۇرغۇن تاشيولدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى، قۇرۇلۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ. بولۇپمۇ مايتاغ چوڭ جىلغىسى ئىچىدىكى ھالقىپ ئۆتىدىغان يەر بۆلىكىدىكى جىلغىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 192 مېتىر، ھالقىما ئارىلىقى 1346 مېتىر كېلىدۇ. توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى پۈتكەندىن كېيىن يەردىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بىخەتەر ئارىلىق بولۇشى ھەم لىنىيەنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى توك لىنىيەسىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشتا جىلغىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېگىزلىكى 92.4 مېتىر، ئېغىرلىقى 127.07 توننا كېلىدىغان «دەرىجىدىن تاشقىرى ئېگىز»، «دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر» توك يەتكۈزۈش تۆمۈر مۇنارى ئىشلىتىلدى، بۇ ئىككى مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى باشقا تۆمۈر مۇنارلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
«جىلغىنىڭ تۆۋەن قىسمىدىكى توك لىنىيەسى، تاشيولنىڭ توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قۇرۇلۇشتا جىلغىنىڭ چوققىسىدىن جىلغىنىڭ تۆۋەن قىسمىغىچە يەردىن يەرگە تورلاش شەكلى قوللىنىلغان بولۇپ، <تار تۇرۇبا ئېففېكتى> ئېلىپ كېلىدىغان شامال كۈچىنىڭ تەسىرىنى ئازايتىپ، تورلاشنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىدۇ» دېدى بۇ قۇرۇلۇشنىڭ مۈلۈك ئىگىسى تۈرى مۇئاۋىن دىرېكتورى ۋاڭ جيا.
ئىلى − بورتالا ئوبلاستى − شىخو − فېڭخۇاڭ II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ، ئىلى − بورتالا ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستى − شىخو II قايتما 750 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش - بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، كەمتۈكلۈكلەرنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە، مۆلچەرلىنىشىچە، 9 - ئاينىڭ ئاخىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش شۆبە شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شۈ يۈبو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قۇرۇلۇش ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىلىدىن ئۈرۈمچى - سانجى يۈك مەركىزىگە توك يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلۈپ، تەخمىنەن 3 مىليون كىلوۋات سائەت ئاشۇرۇلۇپ، ۋىلايەت، ئوبلاست ھالقىپ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.
مەنبە: