شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىدە شىنجاڭنىڭ مۇلازىمەت سودا تەرەققىياتىنىڭ نەتىجىلىرى نامايان قىلىندى
يوللانغان ۋاقىت :2023-09-07 |   ئاپتور :   |   مەنبە : تىيانشان تورى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋ 

   9-ئاينىڭ 2-كۈنى، 2023-يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى» دېيىلىدۇ) بېيجىڭدا باشلاندى، شىنجاڭ سودا ئۆمىكىدىن 14 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، سىرتقا شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازى، يېڭى پەن-تېخنىكىسى، يېڭى مۇلازىمىتىنى نامايان قىلدى.

شىنجاڭ سارىيىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

شىنجاڭ سارىيىدا كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار بىر قىسىم مەدەنىيەت-ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

    بۇ نۆۋەتلىك مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، شىنجاڭ سارىيى كۆرگەزمە سۇپىسىنىڭ كۆلىمى 100 كىۋادىرات مېتىر بولۇپ، مەدەنىيەت سودىسى، رەقەملىك سودا، يېڭى ئېنىرگىيە، يېڭى ماتېرىيال ۋە ئېنىرگىيە تېجەش، مۇھىت قوغداش، جۇڭيى تېبابىتى دورىگەرلىكى، نېفىت-گاز تېخنىكا مۇلازىمىتى قاتارلىق مەزمۇنلار چۆرىدىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇلازىمەت سودىسىدىكى خاس يارقىن نۇقتىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىنىدۇ.

    ئارتىسلار مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى نەق مەيداندا «بەن چاۋ» ناخشا-ئۇسسۇللۇق تىياتىرىنى ئورۇنلىماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

    شىنجاڭ سارىيىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىدە «شىنجاڭ ياخشى جاي» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ساراي ئىچى ئوخشىمىغان كۆرگەزمە مەزمۇنلىرىنى چۆرىدەپ ئوخشىمىغان شەكىلدە بېزەلگەن، كۆرۈش سېزىمى تېخىمۇ مول. ئەمەلىي بۇيۇم، يېزىق ۋە سۈرەت كۆرگەزمىسىدىن باشقا، خىزمەتچى خادىملار يەنە كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەنگەن «بەن چاۋ»نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى سەھنە تىياتىرى شەكلىدە، ھەقىقىي شەخسلەر ئارقىلىق نەق مەيداندا ئورۇنلاپ، نۇرغۇن ئېكسكۇرسىيەچىنى قەدىمىنى توختىتىپ ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

شىنجاڭنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلىرى مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى شىنجاڭنىڭ ئەۋزەل كەسىپلىرى ۋە يارقىن نۇقتا خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

   مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، شىنجاڭ سودا ئۆمىكى مۇلازىمەت سودىسى ۋە سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش سۆزى قىلدى، قاراماي شەھەرلىك، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى، قورغاس خەلقئارا مەدەنىيەت-ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ قېرىنداشلار ئىتتىپاقى تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئايرىم-ئايرىم ئۆزلىرىنىڭ يارقىن نۇقتا خىزمىتى ۋە خاس ئۇسۇللىرىنى چۆرىدەپ تونۇشتۇردى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

   تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، نۇرغۇن كارخانا شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا كېلىشىم ئىمزالانماقتا.

ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت