شىنجاڭ ئاكادېمىيە تورى
ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز لىن ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
يوللانغان ۋاقىت :2023-09-06 |   ئاپتور :   |   مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى

لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 9 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 9 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، 1 ـ جېڭۋېي ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لىن ۋۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى، كۆرۈشۈشتە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، كەڭ ساھەدىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت، بىڭتۇەن ۋە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ خىزمىتى ۋە شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم زور ئۈمىد كۈتتى. باش شۇجى ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ شىنجاڭغا يەنە بىر قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلىپ، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزنى يەنە بىر قېتىم ئىلمىي كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى، بىز چەكسىز مىننەتدار بولدۇق، چەكسىز روھلاندۇق. شەندۇڭ ئۆلكىسى «ئالدىدا مېڭىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» شەرەپلىك بۇرچىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك ئۆلكە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش قىزغىن ئەمەلىيىتىدە، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى باشتىن ـ ئاخىر پۇختا زىممىگە ئېلىپ، «بەش چوڭ داڭلىق ماركا قۇرۇلۇشى»نى چۆرىدەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. ئىككى تەرەپنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ۋاسىتە قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تېزلىتىپ، ئېنېرگىيە، سۇچىلىق، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يۇقىرى تېخنىكىلىق خىمىيە سانائىتى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «مېھماندوست شەندۇڭ» بىلەن «گۈزەل شىنجاڭ» مەدەنىيەت ـ ساياھىتىنىڭ ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق چەت ئەل بازارلىرىنى پائال ئېچىپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لىن ۋۇ شەندۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەننىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شەندۇڭنىڭ خىزمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا، شەندۇڭدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە، بىڭتۇەنگە ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە كۆيۈنگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. لىن ۋۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش باش شۇجى شى جىنپىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەندۇڭغا تاپشۇرغان مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە، بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز. يېقىندا، باش شۇجى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم شىنجاڭنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلىرى توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بۇ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، بىڭتۇەنگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزگە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، قەتئىي تۈردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا زىچ ئۇدۇللىشىپ، دىققەتنى كەسىپ، خەلق تۇرمۇشى، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، شەندۇڭنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭ ھەمكارلىقىدا يەنە مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

شەندۇڭ ئۆلكىسى رەھبەرلىرىدىن جاڭ خەيبو، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، شۆ بىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەنبە:

مەسئۇل مۇھەررىر: رەشىدە مامۇت