8-ئاينىڭ 11-كۈنى، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجيې كەنتىدىكى مەركىزىي بېكەتتىن چىقىپ، ئالاتاۋ پورتىغا قاراپ ماڭدى (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).
تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر تاڭ يۇڭ فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، گۈدۈك ئاۋازىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، بىر جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجېي كەنتىدىكى مەركىزىي بېكەتتىن يولغا چىقىپ، شىنجاڭ ئالاتاۋ پورتىغا قاراپ ماڭدى، ئاندىن بۇ پورت ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدۇ.
2013-يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. چۇڭچىڭ شەھىرى شاپىڭبا رايونى تۇەنجېي كەنتىدىكى مەركىزىي بېكەتتە دەسلەپتە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئايدا بىر قېتىم قاتنايتتى، ھازىر ھەر كۈنى بەش-ئالتە قېتىم قاتنايدۇ؛ ئالاتاۋ تۆمۈريول پورتىدىن ئۆتىدىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى لىنىيەسى ئەينى يىلىدىكى چۇڭچىڭ-شىنجاڭ-ياۋروپا لىنىيەسىدىن ئىبارەت بىر لىنىيەدىن 109غا تەرەققىي قىلدى، تېخىمۇ كۆپ ماللار جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئارقىلىق ئالاتاۋ پورتىدا چېگرادىن كىرىپ چىقىۋاتىدۇ.